باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن «ئون ئاڭ»نى كۈچەيتىشىمىز كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇختەر مەمەت

2017.07.31 12:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقتى. مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش بىلەن بىللە، چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن «ئون ئاڭ»نى كۈچەيتىشى كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي ئاڭنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، سىياسىي جەھەتتە مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، توغرا سىياسىي ئىدىيە ۋە سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ھازىر شىنجاڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالاھىدە سىياسىي سىنىقى ئالدىدا، باشلامچىلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش- چىقماسلىق، ئاتاكىغا ئۆتۈش- ئۆتمەسلىك − پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنى سىنايدىغان ئەڭ چوڭ سىناق. بىز جەزمەن پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىمىزنى تاۋلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، تىرىشىپ «باشلامچى»لاردىن، ياخشى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى كەم- كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي، كەسكىن كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، ئومۇمىيەت ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ھازىر مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئومۇمىيەت، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى. بىز شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئۆزىمىز ئېنىق تونۇپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك؛ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، مەۋقەنى خىزمەت ئورنىمىزغا قويۇپ، ئەقىل- پاراسىتىمىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىشلەشكە، ئىگىلىك تىكلەشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا سەرپ قىلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئالدىن ئىش كۆرۈپ، تۆۋەننى نەزەردە تۇتۇپ، چۆكۈپ ئىشلەپ، كۈچنى تۆۋەنگە قارىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ مەركىزىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسىغا قارىتىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، يادرولۇق ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتىن يادرونى تونۇش، سىياسىي جەھەتتىن يادرونى قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتىن يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەت جەھەتتىن يادروغا ئەگىشىش كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە ئۆزىمىز ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ئارقىلىق، بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى يادرونى چىن قەلبىدىن تونۇيدىغان، ھەرىكەتتە يادرونى ھىمايە قىلىدىغان قىلىشىمىز كېرەك؛ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، بىردەكلىك ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەزمەن مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، بىردەكلىك ئېڭىنى باشلامچىلىق بىلەن تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ھازىرقى مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلايدىغان، ھەق- ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدىغان خاتا گەپ- سۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇپرىقىنى يوقىتىپ، ئۇنى ئامما ئارىسىدا ھەرگىز بازار تاپالمايدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

  بەشىنچى، ئۆگىنىش ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى تۈپ پىرىنسىپقا ئىگە قىلدى، بۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جەزمەن باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان ھەرىكەت قىبلىنەماسى ھېسابلىنىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز كېرەك؛ ئۆزىمىز ئۆگىنىپلا قالماي، ھەممە يېزا، ھەممە كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەممە ئۆيلەرگە كىرىپ، ئاممىغا ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاممىسىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  ئالتىنچى، ئىتتىپاقلىق ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدا ئۇزاق مۇددەت خىزمەت قىلغان پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. بىز «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغدىشىمىز كېرەك؛ بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك.

  يەتتىنچى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى ۋە تۆۋەن چېكىگە ئوچۇق- ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ھايات- ماماتلىق كۈرەشتە، پوزىتسىيەدە مۈجمەللىك قىلماي، ھەرىكەتتە ئاستىلاپ قالماي، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇشىمىز كېرەك؛ زوراۋان- تېررورچىلارغا رەھىم قىلىش خەلق ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇشىمىز، ئىدىيەدە كۈرەش قىلىشتىن قورقماسلىقىمىز، ھەرىكەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى ئاخىرغىچە قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىمىز ۋە قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقتەك جاسارىتىمىز بولۇشى كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە چاقماق تېزلىكىدە يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىپ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، تولۇق يوقىتىپ ، قەتئىي يوشۇرۇن ئاپەت قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.

  سەككىزىنچى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ھازىر ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش جېڭى خىزمىتى ۋەزىپىسى ئېغىر، بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە، پارتىيەگە، خەلققە ئاڭلىق سادىق بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ئاممىنىڭ قىيىن ئىشى، جىددىي ئىشىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ھەممە ئىشتا ئالدىدا مېڭىشىمىز، ئالدىن ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك؛ يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرىدىغان جاسارەتكە كېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن پارتىيە ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۈلگىلىك ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  توققۇزىنچى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك. چوقۇم قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دەيدىغان كۆز قاراشنى، تۆۋەن چەك ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز، قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ كەتكەنلەرنى قاتتىق جازالىشىمىز، ھەرقانداق مىللەت، ھەرقانداق كىشى بۇنىڭ سىرتىدا دەيدىغان قاراشنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىجرا قىلىپ، ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، مەسىلىلەرنى قانۇن تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلى بىلەن ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە قانۇن- نىزاملىرىنى ئىجرا قىلغۇچى، ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇندىن ھېيىقىدىغان قىلىشىمىز كېرەك؛ قانۇن قورالىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك؛ ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن بۆلگۈنچىلىككە دائىر سۆز- ھەرىكەت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان گەپ- سۆزلەر ۋە ھەرىكەتلەرنى دادىل ئېچىپ تاشلىشىمىز، پاش قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ئونىنچى، مۇلازىمەت ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىز پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار ئۆز مىللىتى ۋە ئۆز رايونىنىڭ تارىخى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئالاھىدىلىكىگە پىششىق، ئۆز ئانا تىل- يېزىقىنى ئوبدان بىلىمىز، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، دىنىي ئېتىقادىنى بىلىمىز. بىز باشقىلار ئورنىمىزنى ئالالمايدىغان بۇ ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆۋرۈك بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئارىسىدا ئالاقىچى بولۇپ، تىرىشىپ چىن قەلبىمىزدىن خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق، سەمىمىي دوستلۇق ئورنىتىشىمىز، جان - دىلىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامما ئارىسىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما بىلەن يۈزتۇرا، ھەقىقىي سۆھبەتلىشىپ، ئامما بىلەن قەلبداش بولۇپ، تىرىشىپ ھەممىدىن خەۋەردار بولۇپ، چىن دىلىمىز بىلەن ئامما ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر