باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ غايە، ئېتىقاد بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەبىبۇللا ئابدۇسالام

2017.07.31 12:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر. پارتىيە مەكتىپى پارتكومنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە نەزەرىيە كادىرلىرىنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپ، پارتكومنىڭ مۇھىم ئورگىنى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەيدىغان ۋە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەيدىغان ئاساسىي يول، پارتىيەنىڭ پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئاپپاراتى. مۇشۇنداق مۇھىم ئورگاننىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالغاچقا، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مېنىڭچە، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ھەرگىزمۇ شوئار توۋلاپ، پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشتۇر.

  پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە بايرىقىنى پارتىيە مەكتىپىدە جەۋلان قىلدۇرىمەن. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماھىيىتى − ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقاد، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكتىن ئىبارەت. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، بىز ئالدى بىلەن پارتىيە ئەزاسى ھەم پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىي پوزىتسىيەمىزنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىش − سىياسىي ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرغانلىقىمىز ۋە سىياسىي ئېتىقادىمىزنى شەرھلىگەنلىكىمىزنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنىڭ تەلىپى. كومپارتىيە ئەزاسى، پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئېتىقادىمىز، ساداقىتىمىز، مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى ھەر ۋاقىت قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش جەريانىدا، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تىغمۇتىغ كۈرەشتە ئىپادىلىشىمىز كېرەك. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تىپىك ئىپادىسى − شوئارنى ناھايىتى جاراڭلىق توۋلاپ، پوزىتسىيەنى ئاكتىپ بىلدۈرۈپ قويۇش، لېكىن قىلىدىغاننى قىلماي، ھۇرۇنلۇق- بوشاڭلىق قىلىش، باشباشتاقلىق قىلىش؛ ياكى پىتنە- ئىغۋا تارقىتىپ خەلقنى قايمۇقتۇرۇش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»نى ماكان ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلەش؛ تۈرلۈك پۇرسەت ۋە يوللاردىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پىتنە- ئىغۋالارنى تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىشتۇر. شۇڭا، ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  «پولاتتەك چىڭ ئېتىقاد ۋە ئەقىدە بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن «پولاتتەك قاتتىق ئىنتىزام ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق» بولىدۇ، ئاندىن چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمىزنى ئېنىق قىلالايمىز، ئاندىن ھايات- ماماتلىق سىناق ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايمىز. ھازىرقى «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ھادىسىسى ئېتىقاد، ئەقىدىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە كەمتۈكلۈكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق ئەھۋالدا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ئېتىقادى ۋە سىياسىي روھىنى چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، شەرتسىز ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ھەتتا ھاياتىمنى تەقدىم قىلىشتىنمۇ باش تارتمايمەن.

  پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيەنىڭ بايرىقىنى بايراق، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە، پارتىيەنىڭ بۇرچىنى بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، مەيلى سەھنە ئۈستىدە ياكى سەھنىدىن چۈشكەندە بولسۇن، مەيلى مەكتەپ ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، مەيلى خىزمەتتە ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، ھەممىدە پارتىيە مەكتىپى پارتىيەنىڭ بولۇش تۈپ پىرىنسىپىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئېتىقاد ۋە ئەقىدىمىزنى چىڭ ساقلاپ، سەھنە ۋە مۇنبەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە شەپقىتىنى ياخشى سۆزلىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ ساداسىنى سەھنە ۋە مۇنبەر ئارقىلىق تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا، ھەر بىر بۇلۇڭىغىچە يەتكۈزۈپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرىدە جەۋلان قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر