خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دەۋر ئۈلگىلىرى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىدە جىلۋىلىنىدۇ، ئالىي شەرەپ ئاجايىپ تۆھپىلەردە نامايان بولىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ «1-ئاۋغۇست ئوردېنى» تارقىتىش ۋە شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە گۇۋاھنامە، شەرەپ نامى بېرىلگەن ئورۇنلارغا لەۋھە تارقاتتى.
1-ئاۋغۇست بىناسىدىكى مۇراسىم نەق مەيدانىدا كوماندىر-جەڭچىلەر ۋەكىللىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كەيپىيات قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى ھۆرمەت قەدەم بىلەن مەيدانغا كىردى ۋە قورال تۇتۇپ ئىككى تەرەپتە تىك تۇردى، ئوردېن تارقىتىش ۋە نام بېرىش مۇراسىمى باشلاندى، مەيداندىكىلەر ياڭراق ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ شى جىنپىڭ ئىمزا قويغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ «1-ئاۋغۇست ئوردېنى» تارقىتىش ۋە شەرەپ نامى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەي شيەندې، ما ۋېيمىڭ، لى جۇڭخۇا، ۋاڭ جۇڭشىن، جىڭ خەيپېڭ، چېڭ كەيجيا، ۋېي چاڭجىن، ۋاڭ گاڭ، لېڭ پېڭفېي، يىن چۈنرۇڭ قاتارلىق «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكەن يولداشلار تەرتىپ بويىچە ئالدىغا چىقتى، شى جىنپىڭ ئۇلارغا ئوردېن ئاستى، گۇۋاھنامە تارقاتتى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى