باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى __

دۇنياغا داڭلىق بالېت ئارتىسى ئۈرۈمچىدە كىشىلەرگە دۇنيا بويىچە ئورۇنداش ئەڭ تەس بولغان ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى تەقدىم ئەتتى(1)

2017.07.31 15:36   مەنبە: خەلق تورى

دۇنياغا داڭلىق بالېت ئارتىسى ئۈرۈمچىدە كىشىلەرگە دۇنيا بويىچە ئورۇنداش ئەڭ تەس بولغان ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى تەقدىم ئەتتى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇل كەچتە، ئۇكرائىنا خاركوۋ دۆلەتلىك ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىر ئۆمىكى 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىدىكى ئەڭ نادىر نومۇرلارنىڭ بىرى بولغان تارىخىي بالېت «ئاققۇ كۆلى»دىنمۇ ئۇزۇن بولغان، بالېت ساھەسىدىكى ئەڭ تەس ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئۇسسۇلچى ئايال»نى تاماشىبىنلارغا تەقدىم ئەتتى.

  بۇ قېتىمقى ئۇسسۇللۇق تىياتىردا ئۇكرائىنا خاركوۋ دۆلەتلىك ئوپىرا ۋە بالېت تىياتىر ئۆمىكى دۇنيا بويىچە ئالتە چوڭ داڭلىق بالېت ئۆمىكىنىڭ بىرى بولغان سانكت مارىنىسكىي بالېت ئۆمىكىنىڭ باش ئەر بالېت ئاكتيورى دانىللا كورسۇنتسېۋ ۋە موسكىۋا چوڭ تىياتىرخانىسى بالېت ئۆمىكىنىڭ باش ئايال بالېت ئاكتيورى مارىيا ئارىسانى تەكلىپ قىلىپ نومۇر ئورۇندىدى.

  «ئۇسسۇلچى ئايال» ھىندىستاننىڭ داڭلىق شېئىرىي دىراممىسى «شاۋخۇنتالا»نى سىنارىيىلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، قەدىمكى ھىندىستاندا يۈز بەرگەن بىر تىراگىدىيە ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن. ياساۋۇل سورو تەڭرى ئىبادەتخانىسى ئىچىدىكى مۇقەددەس ئوت ياققۇچى ئۇسسۇلچى ئايال نىجىيانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، لېكىن ياساۋۇل بىلەن مەلىكە گەنجادىغا بۇرۇنلا چاي ئىچۈرۈلۈپ قويۇلغان بولۇپ، بولغۇسى ئېرىنىڭ ئۇسسۇلچى ئايال بىلەن بولغان شەخسىي ھېسياتىنى ئۇقۇپ قالغان مەلىكە ئۇسسۇلچى ئايالنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان ياساۋۇل ئۇخلاپ، چۈشىدە بىر روھلار پادىشاھلىقىغا بارىدۇ، ئۇ يەردە ئاق لىباس كىيگەن روھلارنىڭ ئۇزۇن رەت بولۇپ تۇرغانلىقىنى، ئۇ رەتتە ئۇسسۇلچى ئايالنىڭ روھىنىڭمۇ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭ روھىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟