- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى-2017» جۇڭگو مۇسابىقە رايونىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭنىڭ باش باشلىنىش مۇراسىمىدىكى تەبرىك سىنى قويۇلدى
2017.07.31 15:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى-2017» جۇڭگو مۇسابىقە رايونىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى كورلا، جىلىننىڭ چاڭچۈن، خۇبېينىڭ گۇاڭشۇيدە ئۆتكۈزۈلدى. باشلىنىش مۇراسىمىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باش باشلىنىش مۇراسىمىدىكى تەبرىك سىنى قويۇلدى.
«خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى-2017»نىڭ باش باشلىنىش مۇراسىمى شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ سىن ئېلان قىلىپ تەبرىكلىدى.
جۇڭگو مۇسابىقە رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن قاتارلىق بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ باش باشلىنىش مۇراسىمىدىكى تەبرىك سىنى قويۇلدى.
خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەشەببۇس قىلغان خەلقئارالىق ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى. «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى-2017» 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە رۇسىيە، جۇڭگو، ئەزەربەيجان، بېلارۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ، جەمئىي 28 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتە مۇسابىقە تۈرى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ، جىلىن، خۇبېيدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ تۈرلەرنى جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى يەنە كوماندا تەشكىللەپ رۇسىيە، قازاقىستانغا بېرىپ سەككىز مۇسابىقە تۈرىگە قاتنىشىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر