باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تەتقىقات دوكلاتىدا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ياخشىلىغاندا، ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقى دېيىلگەن

2017.07.31 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئانا سۈتى بالىنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكىكى بولۇپ، ئۇ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبى بىلەن تەمىنلەيدۇ. «سۆگەت يوپۇرماقسىمان ئوپېراتسىيە پىچىقى» ناملىق ژورنالنىڭ ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ياخشىلىغاندا، ھەر يىلى 820 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى %87ى ئالتە ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلار ئىكەن.

  بۇ يىل 8- ئاينىڭ تۇنجى ھەپتىسى 26- قېتىملىق «دۇنيا ئانا سۈتىدە بېقىش ھەپتىسى» بولۇپ، جەمئىيەت ۋە جامائەتنىڭ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ مۇھىملىقىنى توغرا تونۇپ يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئانا سۈتى بىلەن بېقىشىغا مەدەت بېرىپ، ئانىلار ۋە بوۋاقلارنى سۆيىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، «ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا ئورتاق چىڭ تۇرايلى!» دېگەن شۇئار بۇ يىلنىڭ باش تېمىسى قىلىپ بېكىتىلكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا ئانا-بالا تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان بولۇپ، ئانىغا نىسبەتەن، تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈت بېزى راكى ۋە تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالتە ئايلىق بولغۇچە ئارىلىقتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئانا سۈتى تەركىبىدە بولىدۇ، بولۇپمۇ ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئالاھىدە ئانتىتېلا بوۋاقلاردىكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، سېزىمى زىيادىلىشىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا مىقياسىدا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، ھەمدە بۇ خىل نۇقساندىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان ھەر يىلى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جۇڭگو تەرەققىيات-تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى بىل ۋە مېلىندا گايتس فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن «ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ئاشۇرۇش پىلانى»نى يولغا قويدى. جۇڭگو تەرەققىيات-تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى لۇ ۋەن مۇنداق دېدى: «بۇ پىلانغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ئارقىلىق، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ جۇڭگودىكى ئەھۋالى ۋە ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىجتىمائىي ئامىللارنى ئېنىقلايدۇ؛ بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش ۋە قاتنىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، سىياسەت بىلەن تەشەببۇس قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ ئىجتىمائىي تەشۋىقات داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى قوللاشتىكى ئاممىۋىي ئاڭ ئۆستۈرۈلىدۇ».

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو تەرەققىيات-تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى 7- ئاينىڭ 31– كۈنى بېيجىڭدا «ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى» يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر