خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەربىي مارشلار ياڭرىسا، ھەربىيلەرنىڭ ھەيۋىتى نامايان قىلىنىدۇ! 29-ئىيۇل كەچتە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوركېستىر ئۆمىكى (شىنجاڭ كۈيسۆيەر ئوركېستىرى) ئورۇنلىغان «مەڭگۈلۈك ھەربىي روھ» __ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش تېمىسىدىكى سىمفونىيە كېچىلىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەگە بولغان سادىقلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، «ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ»، «ھەممەياق قىزىل بايراققا ئورالدى»، «پارتىيەگە سادىق بولىمىز»دىن ئىبارەت ئۈچ سەھىپىگە بۆلۈنگەن. بۇنىڭدا خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە يەر ئىنقىلابى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياراتقان ئۆچمەس شانلىق نەتىجىلىرى تەسۋىرلەنگەن.
قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ۋاڭ جيەنگو خېبېينىڭ شىجياجۇاڭدىن كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭغا كەلگىنىگە ئون نەچچە يىل بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش بولدى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق بىر ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى