خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى ئەتراپىدىكى دېھقانچىلىق ئىستىراھەت سەيلى-ساياھەت باغچىسىغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردە پۇراقلىق رەيھان، مايچېچەك، لەيلىقازاق قاتارلىق 42 خىل گۈلنىڭ خىلمۇ-خىل رەڭدە پورەكلەپ ئېچىلىپ، بۇ يەرنى ھۈپپىدە خۇش پۇراققا تولدۇرغانلىقى ۋە بۇ يەرنىڭ بەئەينى گۈل دېڭىزىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى كۆردى.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، 2017-يىلى 4-ئايدا، ناراتنىڭ ساياھەت تۈرلىرىنى موللاشتۇرۇش، پۈتۈن رايون ساياھەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى مەبلەغ جەلپ قىلىپ، نارات بازىرىغا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان قازاقلار 1-كەنتى يېنىدىكى 218-نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولى بويىدا، دۆلەتلىك تۆت ئا دەرىجىلىك «مىڭلىغان دېھقانلار ھەمكارلىق ئىگىلىكى» دېھقانچىلىق سەيلى-ساياھەت باغچىسى قۇرۇپ چىققان، بۇ يەردە پۇراقلىق رەيھان، مايچىچەك قاتارلىق 42 خىل گۈللەر ئېچىلىپلا قالماي، مالىنا-بۆلجۈرگەن، كۆك بۆلجۈرگەن ئۈزۈش باغچىسىمۇ، ئۇندىن باشقا كۆممىقوناقزارلىق سىرلىق ئوردىسى، ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇش، قارىغا ئېتىش، ناخشا-ئۇسۇل قاتارلىق كۆپ خىل كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بار ئىكەن.
سەيلى-ساياھەت باغچىسى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سىرتقا ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، ھەر كۈنى كۈتۈۋېلىنغان مېھمان سانى 2000 ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ساياھەتچىلىك پەسلىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى