باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ساقچى تەرەپ «ئاق كۆڭۈللەر» توردا شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق 142 خادىمىنى جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئالدى

2017.07.31 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى 30-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، 29- ئىيۇلغىچە، «ئاق كۆڭۈللەر» شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق 230 خادىمىنى قولغا ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 142 كىشىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىنغانلىقىنى، دېلوغا چېتىشلىق 55 شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يېقىندا «ئاق كۆڭۈللەر» توردا شاخلىتىپ سېتىش دېلوسىغا زەربە بېرىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ساقچى تەرەپ داۋاملىق توردىكى شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر