باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى %42.9 تۆۋەنلىدى

2017.08.01 13:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. سودا مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات-تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى ئالدىنقى يېرىم يىللىق تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 13 تىرىليون 140 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.6 ئېشىپ، ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىلدى. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، بازار سېتىۋېلىش سودىسى قاتارلىق تاشقى سودا يېڭى ھالىتى تېز تەرەققىي قىلدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چيەن كېمىڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: تاشقى سودا ئالدىنقى يېرىم يىلدا %42.9 تۆۋەنلىدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؛ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش تېخىمۇ ئاقىلانە بولۇشقا باشلىدى. كارخانىلار ئەمەلىي مەبلەغ سېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، چېگرا سىرتىدىكى ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ نىسبىتى ئۆي-مۈلۈك ۋە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىگە سېلىنغان مەبلەغدىن ئاز بولدى، بىر تۈركۈم سېتىۋېلىش تۈرلىرى بولۇپمۇ بەزى چوڭ سېتىۋېلىش تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات-تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لوڭ گوچياڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق تاشقى سودا ۋەزىيىتىنى مۆلچەرلەپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى تېز ئاشىدۇ، قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلىنىدۇ. چېگرا ھالقىپ مەبلەغ سېلىش كۆلىمى كېڭىيىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم چېگرا ھالقىپ مەبلەغ سالىدىغان ساھىبخان ۋە چېگرا ھالقىغان مەبلەغ مەنبەيى بولۇش ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر