باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغانلار مۇكاپات تەمىناتىدىن يەنىلا بەھرىمەن بولىدۇ

2017.08.01 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇن بويىچە پەرزەنت كۆرسە،ئۇنداقلار مۇكاپاتلاشتىن ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. «ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىگە «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ياكى «پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» بېرىلمەيدىكەن؛ يېزىلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەر-خوتۇنلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆمۈر بويى پەقەت ئىككىلا پەرزەنتلىك بولۇپ (بېقىۋالغان بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەنە پەرزەنت كۆرمەيدىغانلار، «پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىگە «گۇۋاھنامە ئالغان ئايدىن باشلاپ پەرزەنتى 16 ياشقا توشقىچە، ھەر ئايدا 10 يۈەندىن كەم بولمىغان سالامەتلىك ئاسراش پۇلى بېرىش»، «ئەر-خوتۇن پېنسىيەگە چىققاندا، ھەر قايسىنىڭ ئىدارىسىدىن مائاشىنىڭ %5 بويىچە مۇكاپات پۇلى قوشۇم بېرىش، ياكى 3000 يۈەندىن كەم بولمىغان ھالدا بىر يولىلا مۇكاپات بېرىش» قاتارلىق تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان چارۋىچىلار ئائىلىلىرى، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بىر يولىلا بەرگەن 3000 يۈەندىن كەم بولمىغان مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ يەنە يەر ھۆددە بېرىش ۋە ئۆي يېرى بېرىشتە ئالدىن ئېتىبار بېرىش قاتارلىق تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر