خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، پۇل قويغۇچىلار خەينەننىڭ چيۇڭخەيدىكى بىر بانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئالدىدا كەسپىي ئىشلارنى بېجىرمەكتە.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ بىرلىشىپ تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەخسلەرنىڭ مەزكۇر بانكىنىڭ باشقا جايدىكى ATMنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇكىيىدە نەق پۇل ئېلىش رەسمىيەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خاس چەك، پېرېۋوت چېكىدىن ئېلىنىدىغان رەسمىيەت ھەققى قاتارلىقلارنى ئېلىش ۋاقتىنچە توختىتىلدى. ھەرقايسى سودا بانكىلىرى خېرىدارلارنىڭ بۇ بانكىدا ئاچقان بىردىنبىر ئىسچوتىنىڭ ئىسچوت باشقۇرۇش ھەققى ۋە يىللىق ھەققىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى