باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.08.01 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 30-ئىيۇل سانكت –پېتېربۇرگدا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، رۇسىيەدە بۇ يىل30 دانە ھەر خىل ھەربىي پاراخوت دېڭىز ئارمىيەسىگە سەپلەپ بېرىلىدۇ. رۇسىيە ھۆكۈمىتى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ، دېدى.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ سانائەت ۋە پەن-تېخنىكىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە كۈچى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىنىدۇ ۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ يىل رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە 30 دانە ھەرخىل يېڭى تىپتىكى پاراخوتلار سەپلىنىدۇ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ.

  7-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە بايرىمى، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى تۇرۇشلۇق سانكت–پېتېربۇرگتا دېڭىز ئارمىيەسى بايرىمىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيەدە شۇ كۈنى يەنە شىمالىي مورسېك، ۋىلادىۋوستوك، بالتىيسك قاتارلىق جايلاردا داغدۇغىلىق دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر