خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 31-ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ئاچقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى تەڭشەش، باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دەپ ئاتىلىدۇ) بويىچە ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇندىن كېيىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار قۇرۇلغانلىقى تەستىقلانغان ياكى تەڭشەلگەن كۈندىن باشلاپ، پىرىنسىپ جەھەتتە بەش يىلغىچە دائىرىسى، فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە ئىسمىنى تەڭشەپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى تەڭشەشتە، يادرولۇق رايون، ئارىلىق رايون كۆلىمىنى كىچىكلەتمەسلىك، ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك جەرياننىڭ مۇكەممەللىكىگە بۇزغۇنچىلىك قىلماسلىق، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىك، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەسلىك لازىم. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار قۇرۇلغانلىقى تەستىقلانغان ياكى تەڭشەلگەن كۈندىن ئېتىبارەن بەش يىلغىچە، پىرىنسىپ جەھەتتە قايتا تەڭشەشكە بولمايدۇ.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن 15ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان رايوندىن 14ى بار بولۇپ، 29 تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ كۆلىمى 118 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىرگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي زېمىن كۆلىمىنىڭ %11.28 ىنى ئىگىلەيدىكەن. تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، ھەر خىل قوغدىلىدىغان، نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ناھايىتى ياخشى قوغداشقا ئېرىشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە:خەلق تورى