باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تىرىشىپ دۆلەتنى بېيىتىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يازايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتا قىلغان مۇھىم سۆزى جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2017.08.01 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە قول تۇتۇشۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى بېيىتىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش، تىنچلىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە ۋە خەلق قەھرىمان قوشۇننىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بايىنخونگىر قاچادىكى 50 ياشلىق گېرلا بىر ئائىلە كىشىلىرى 30-ئىيۇل ئەتىگەندىلا تېلېۋىزور ئالدىغا يىغىلدى. كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن پات-پات دېرىزىنىڭ سىرتىغا قارايتتى، كۆپكۆك ئاسماندا گۈركىرەپ ئۇچۇۋاتقان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دەل ئېكراندا كۆرسىتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئىدى.

  گىرلا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بەك ھەيۋەتلىككەن، بولۇپمۇ ھەر خىل ئىلغار ھەربىي جابدۇقلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تىنچ دەۋردە بەختلىك، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىمىزنى ئويلاپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى قوزغىلىپ، جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلەندىم.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى دۇڭراۋ ناھىيەسى شىليۇ كەنتىدىكى 87 ياشلىق كەنت ئاھالىسى دۇڭ شىچىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى. بوۋاي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى نەق يۈرەككە باردى. ئۆتمۈشتىن قەدەممۇ-قەدەم بۈگۈنگە كەلگىچە خەلق ئارمىيەسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتى. ھازىرقى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قورال-جابدۇقى، ئارمىيەنىڭ ساپاسى، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ماھىيەتلىك ئۆسۈپ، بارلىق تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەرنى يوقىتىپ، دۆلەت، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولدى. ۋەتىنىمنىڭ گۈللەپ، قۇدرەت تاپقانلىقىدىن، مۇشۇنداق قۇدرەتلىك چوڭ ئارمىيە بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر