باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى مەزگىلىدە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشتىكى توققۇز تۈرلۈك بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى

2017.07.31 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردا تېمپېراتۇرا ئىزچىل ھالدا يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئوت ئاپىتى خەۋپى بارغانسېرى ئاشماقتا، سەللا بىخەستەلىك قىلغاندا، ھادىسە ئاسانلا يۈز بېرىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى مەزگىلىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىنى ئەسكەرتىپ، ئورۇنلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك سوبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ياخشى بولغان بىخەتەرلىك مۇھىتىنى ئورتاق يارىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى مەزگىلىدىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئۇ توققۇز تۈرلۈك بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

  1. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلارنىڭ تېمپېراتۇراسى داۋاملىق يۇقىرى بولماقتا، ئېلېكترلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئوت ئاپىتىنىڭ سانى ئوت ئاپىتى ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.بۇنداق ئەھۋالدا، ئورۇنلار ۋە ئائىلىلەر بىخەتەر توك ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىشى، توك مەنبە سىمىنى قالايمىقان تارتىپ قالايمىقان ئۇلىماسلىقى، توكنى ئاشۇرۇپ ئىشلەتمەسلىكى، كونىراپ كەتكەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە سىم يوللىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشى، ئىشىكتىن چىققاندا توك مەنبەسىنى ئېتىۋېتىشى كېرەك.

  2. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، ھاۋا بەك ئىسسىق بولغانلىقتىن، توك ئىشلىتىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشماقتا، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئورۇنلار ۋە ئائىلىلەر توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق زور قۇۋۋەتلىك ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  3. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش خەۋىپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا، ھەر قايسى ئورۇنلار ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشتىكى بىخەتەرلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەتچى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتى خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى لازىم.

  4. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، قائىدىگە خىلاپ ھالدا توك ئىشلىتىش، گاز ئىشلىتىش، ماي ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدا قائىدىگە خىلاپ ئوت ئىشلىتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

  5. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كونترولخانىلىرى چوقۇم ھەر كۈنى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر بىر ئىسمىنادا كەم دېگەندە ئىككى ئادەم بار بولۇشى، دىجورنى خادىملار كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىشى كېرەك.

  6. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، ئوت ئاپىتىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى بايقالغان ھامان، ئوت ئاپىتىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى پاش قىلىشتىكى 96119 نومۇرلۇق تېلېفونغا تېلېفون قىلىپ، پاش قىلىڭ ۋە ئەرز قىلىڭ.

  7. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، ھەرقايسى جايلارنىڭ تېمپېراتۇراسى ئىزچىل ھالدا يۇقىرى بولماقتا، بۇنداق مەزگىلدە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملاردا ئوت ئاپىتى ۋە پارتلاش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدۇ، ھەر قايسى ئورۇنلار ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ, ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش, توشۇش, ئىشلىتىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  8. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، پاشا قوغلاش ئۈچۈن پاشىغا قارشى توك ئىسرىق ۋە كۆيۈشچان ئىسرىق ئىشلەتكەندە، چوقۇم يېنىشچان بۇيۇملاردىن يىراق قويۇش، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  9. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، چاقماق چېقىلىش كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلدە، ھەر قايسى ئورۇنلار چوقۇم چېقىلغۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ، چاقماقتىن كېلىپ چىقىدىغان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر