باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2017.08.01 13:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈندىن باشلاپ تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن-نىزاملار يولغا قويۇلىدۇ.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» 2017-يىلى 1-ئاۋغۇستتىن تارتىپ يولغا قويۇلىدۇ. نىزامدا ئاساسلىقى مۇنداق مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن، بىرىنچى، ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى مەنبەيىدىن قېلىپلاشتۇرۇش. ئىككىنچى، ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش. ئۈچىنچى، ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىيالنى ئېلان قىلىش سۇبيېكتى، ھوقۇق چەكلىمىسى ۋە تەلىپىنى بېكىتىش. تۆتىنچى، ئىستاتىستىكا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش.

  مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەردىكى ئاساسلىق تۆمۈر يول تىرانسپورت بېكەتلىرىدە 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ھەربىيلەر ئالدى بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش روجىكى كەينى-كەينىدىن تەسىس قىلىنىدۇ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى ھەم پىلانى ئايرىم شەھەرلەردىكى ئاساسلىق تۆمۈر يول تىرانسپورت بېكەتلىرىدە ھەربىيلەر پويىز كۈتۈش ئۆيى ياكى رايونى تەسىس قىلىنىدۇ. ھەر قايسى تۆمۈر يول ئىدارىلىرى شارائىت ھەم يولۇچىلار ئېقىمى ئېھتىياجى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن، باشقا يولۇچىلار تىرانسپورت بېكەتلىرىدە ھەربىيلەر پويىز كۈتۈش ئۆيى تەسىس قىلىدۇ. تۆمۈر يول باش شىركىتى ھەربىيلەر ئالدى بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش روجىكى، ھەربىيلەر پويىز كۈتۈش ئۆيى ياكى رايونىغا كۆزگە چېلىقىدىغان بەلگە ئورنىتىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

  1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، شەخسلەرنىڭ باشقا جايدا شۇ بانكىنىڭ پوكىيىدىن نەخ پۇل ئېلىش رەسمىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، خاس چەك، پېرېۋوت چېكى رەسمىيىتى، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ھەققى، تەننەرخ ھەققىدىن ئىبارەت ئالتە خىل ھەقنى يىغىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، ھەر قايسى سودا بانكىلىرى خېرىدارلارنىڭ مۇشۇ بانكىدا ئاچقان بىردىن بىر ھېساباتىدىن باشقۇرۇش ھەققى ۋە يىللىق ھەق قاتارلىقلارنى ئېلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

  «دېھقانچىلىق دورىلىرى تىجارىتى ئىجازىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، چارىگە ئاساسەن، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى سۇبيېكتى تەڭشىلىپ، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى ئىجازىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئېلان قىلغان «پاتېنتنى ئالدى بىلەن تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش چارىسى» 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. ئەسلىدىكى چارىگە قارىغاندا، يېڭى چارىدە بىرىنچىدىن، ئالدى بىلەن تەكشۈرۈشنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى؛ ئىككىنچىدىن، ئالدى بىلەن تەكشۈرۈشنىڭ تەتبىقلىنىش شەرتى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ ئۈچىنچىدىن ئالدى بىلەن تەكشۈرۈش رەسمىيىتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى؛ تۆتىنچى، ئالدى بىلەن تەكشۈرۈشنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى ياخشىلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر