باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىر نەچچە تۈركىيە ئەسكىرى سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى خورلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن قولغا ئېلىندى

2017.08.01 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 7- ئاينىڭ 31-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى خورلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق بىر نەچچە تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ھەمدە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى خاتاي ئۆلكىسىدىكى تۈركىيە-سۇرىيە چېگراسىدا، ئەسكەرلەر چارلاش جەريانىدا تۈركىيە چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرىشكە ئۇرۇنغان سۇرىيەلىك تۆت مۇساپىرنى قولغا ئالغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر قانچە سۇرىيەلىك مۇساپىر چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان، تۆت تۈركىيە ئەسكىرى مۇساپىرلارنى خورلىغان، دەپ ئەيىبلەنگەن.

  شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقەدە بىر تۈركىيە ئەسكىرى يانفون بىلەن سىن تارتقان ھەمدە دەرقەملىك ئالاقە يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق بۇ سىننى گىرمانىيەدىكى ئالاقىلاشقۇچىغا ئەۋەتكەن. سىندا، تۈركىيەلىك ئەسكەرلەر تۆت سۇرىيەلىكنى قورشىۋېلىپ ئۇرۇپ، تەپكەن. بۇ سىن ئارقىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا كەڭ تارقالغان ھەم كۈچلۈك تەنقىد قىلىنغان.

  ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تۈركىيە ھەربىي تەرەپنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسكەرلەرنىڭ مۇساپىرلارنى قەستەن خورلاش قىلمىشى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزگەن بولۇپ، ھەربىي تەرەپ بۇ ئىشنى تەكشۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر