باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئاساسلىق تېلېگراف كارخانىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۈرئەتنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.08.01 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 31-ئىيۇل جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكى، جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىچىلىكى شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  لى كېچياڭ ئۈچ چوڭ ئاساسلىق تېلېگراف شىركىتىدە كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، سۈرئەتنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ كارخانا ۋە ئىستېمالچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىش ۋە «ئالاقە تورى +»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ كارخانىلارنى نۇقتىنى پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىنىڭ يۈزلىنىشىگە توغرىلاپ، تېخىمۇ كۆپ يادرولۇق تېخنىكىدا كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خەلقئارا رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، چوڭقۇر قاتلام بويىچە بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. ئۇ يەنە ئوخشاشمىغان ساھەلەردىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە ئابۇنتلار بىلەن سىنلىق ئالاقىلىشىپ، ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئالاقە تورى سۇپىسىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەشنى قانات يايدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىش جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە مېڭىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. لى كېچياڭ كارخانىلارنىڭ ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتنى توختىتىشنى باشقۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۆپنىڭ ئەقلىنى يىغىپ، يېڭى تېخنىكا تەتقىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ھەر قانداق يېڭى ئىشتا ئۇنداق-مۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزە بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سالماق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى بويىچە، ئۇنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن كېيىن، لى كېچياڭ سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى خىزمەت دوكلاتى بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى، شۇنداقلا تېلېگراف كەسپىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر