باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاننىڭ شەرقى قىسىمىدا چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 11 كىشى قازا قىلدى

2017.08.01 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 31-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ھىندىستاننىڭ شەرقى قىسىمىدا 30-ئىيۇل چاقماق سوقۇش سەۋەبلىك بىر كۈندە ئاز دېگەندە 11 كىشى قازا قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا سەككىز ئادەم يارىلاندى.

  ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئورىسسا ئىشتاتلىق ئاپەت باشقۇرۇش تارمىقى ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى شاللىقتا ئىشلەۋاتقانلار ياكى دەرەخ ئاستىدا يامغۇردىن پاناھلىنىۋاتقان دېھقانلار ئىكەن.

  ھازىر دەل ھىندىستانىڭ يامغۇر پەسلى بولۇپ، قارا يامغۇر ئورىسسا ئىشتاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمەن رايونلاردا كەلكۈن پەيدا قىلدى. چاقماق سوقۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى پات-پات يۈز بەرمەكتە. ئالدىنقى ھەپتىدە، ئورىسسا ئىشتاتىغا قوشنا ئاندرا ئىشتاتىدا ئۈچ كىشىنى چاقماق سوقۇپ قازا قىلغان.

  ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2005- يىلىدىن بۇيان، ھىندىستاندا ھەر يىلى ئاز دېگەندە 2000 ئادەم چاقماق سوقۇپ قازا قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر