باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن ئارمىيە شى جىنپىڭنىڭ رەھبىرى كادىرلار كۇرسىدا قىلغان سۆزىنى ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلدى

2017.08.01 13:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۈتۈن ئارمىيەنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرى كادىرلار مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس يىغىنى ئۈلۈشكۈن جۇرىخ مەشىق بازىسىدا ئېچىلدى. يىغىن قاتناشچىلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئارمىيەنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  فەن چاڭلۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى بىر مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئىدىيەسىنى يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتتە قەتئىي ئاڭلىق بولۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شۈ چىلياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۆزنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يادرونى باشتىن-ئاخىر قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تۆت ئاڭنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ ئىجراسىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي سەزگۈرلۈكنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سىياسىي ۋە ئومۇملۇق جەھەتتىن ئىسلاھات ئارقىلىق ئۇرۇش تەييارلىقىنى ھەقىقىي تەشكىللەپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ يۇقىرى قاتلام پارتكوملىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار باش بولۇپ ئىدىيەنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قىسىمنى پۇختىلاپ، 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر