باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ شەھەر يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى قارامايدا ئېچىلدى

ئاپتونوم رايون بويىچە تۆت شەھەر «مەدەنىي قاتناش جەھەتتە ئۈلگىلىك شەھەر» بولۇپ باھالاندى

2017.08.01 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ئىيۇل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى قاراماي شەھىرىدە ئېچىلدى، تۆت شەھەر «مەدەنىي قاتناش جەھەتتە ئۈلگىلىك شەھەر» بولۇپ باھالاندى.

  ئاپتونوم رايوندىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بويىچە قاتناش تارماقلىرىدىن 70دىن ئارتۇق ئادەم قاراماي شەھىرىدىكى بۇ نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر يالقۇن ياقۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىملىق يىغىندا قاراماي شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، قەشقەر شەھىرى «مەدەنىي قاتناشتا ئۈلگىلىك شەھەر» بولۇپ باھالاندى. تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي سەۋىيە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر