خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى «قار ئەجدىھاسى» ناملىق پاراخوتنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان قونۇش سۇپىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنى كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى خاتىرىلىدى.
بېيجىڭ ۋاقتى 31-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىزدىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، «قار ئەجدىھاسى» ناملىق پاراخوت شىمالىي كەڭلىك 66.34 گىرادۇس، غەربىي ئۇزۇنلۇق 169.22 گىرادۇستىن شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىي مۇز ئوكيانغا كىردى.
«قارئەجدىھاسى» ناملىق پاراخوت شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى چۇكچى دېڭىزى خەلقئارا ئوچۇق دېڭىز رايونىدا دېڭىز-ئوكياننى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ، بىر يۈرۈش چۆكۈندىلەرنى يىغىۋېلىش ئەسۋابلىرى ئارقىلىق يىغىۋېلىنغان چۆكۈندىلەرنى ھەم تۆتتىن ئالتىگىچە مۇزلۇق پونكىتنى كۆپ پەنلەر بويىچە ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشنى تاماملايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى