باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتېرىلەيمىز

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2017.08.02 14:35   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى ئىسسىق قان ۋە ھايات بەدىلىگە يارىتىلغان، شۇڭا بىزنىڭ مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى جاپالىق ئىزدىنىش ئاساسىدا توپلانغان، شۇڭا ئۇنى مەڭگۈ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا سادىقلىق ۋە دادىللىق تۈرتكە بولغان، ئۇ مەڭگۈ بىزنى ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى جەزمەن تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا تىرىشىپ يېتىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيى تەنتەنىگە چۆمگەن بولۇپ، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دەپ يېزىلغان پىلاكات، پەردىنىڭ مەركىزىگە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بەلگىسى ۋە «1927 ـ 2017» دېگەن رەقەم ئېسىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپكە ئون قىزىل بايراق رەتلىك تىزىلغان ئىدى. زالنىڭ 2-قەۋىتىدىكى بالكونغا ئېسىلغان پلاكاتقا: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەش، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، <ئىككى100 يىل> كۈرەش نىشانىغا يېتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!» دېگەن شوئار يېزىلغان ئىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، لى كېچياڭ تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولۇپ داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلەۋاتىمىز، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىقىغا نەزەر تاشلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ھەيۋەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…