باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى ئاۋستىرالىيە دېڭىز ساھىلىدا سۇغا چۈشۈپ كەتتى

2017.08.07 13:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ «دېڭىز بۈركۈتى» ناملىق تىرانسىپورت ئايروپىلانى 5-ئاۋغۇست ئاۋستىرالىيەگە يېقىن سۇ ساھىلىدا چۈشۈپ كەتتى، ۋەقە يۈز بەرگەندا ئايروپىلاندا 26 ئادەم بار بولۇپ، 23ى قۇتقۇزۇلدى، ئۇچى يوقاپ كەتتى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى 6-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: بۇ بۇ ئۈچ ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى توختۇتىلدى، كەلگۈسى نەچچە كۈندە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋستىرالىيە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ماسلىشىپ، چۈشۈپ كەتكەن تىرانسىپورت ئايروپىلانىنى سۈزۈپ چىقىدۇ. نۆۋەتتە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئەسكەرلىرى ئەسلىدە ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىدىن كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئاۋستىرالىيەگە كېلىپ، ئاۋستىرالىيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىر ئېلىپ بارغان. دېڭىز بۈركۈتى تىرانسىپورت ئايروپىلانى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم چۈشۈپ كەتكەنىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر