باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەن چېگرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 48 كىشى قازا قىلدى

2017.08.07 13:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەن ئارمىيە تەرەپنىڭ 6-ئاۋغۇست ئاشكارلىشىچە، ئۆتكەن ئۈچ كۈندە، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتىنىڭ يەمەننىڭ غەربىي قسىمىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايۇنىدىكى توقۇنۇشىدا، قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتىنىڭ 31 قۇراللىق خادىمى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ 17 ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 48 كىشى قازا قىلغان.

  ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئارمىيە تەرەپنىڭ بىر ئوفىتسېرى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارميەسى 3-ئاۋغۇست كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چېگرا ئۆلكىسى بولغان جىزانغا يېقىن بولغان قىزىل دېڭىز پورت شەھىرى مىدىدىكى ھەربىي ئىشلار بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 6-ئاۋغۇست بۇ ھەربىي بازىنى ئىگىلەپ، قىزىل دېڭىز يارقىسىدىكى مۇھىم شەھەر خۇدەيداھغا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر