باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالتۇن كسەك دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ 2- قىتىملىق ئالتۇن ئون يىلىنى كۇتىۋاتماقتا

2017.08.07 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كىسەل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى قۇرۇلغان ئون يىلدىن بۇيان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشقا زور تۆھبىلەرنى قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئالتۇن ئون يىلنى بېشىدىن كەچۇردى، يېقىندا ئالتۇن كىسەل دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9- قىتىملىق ئۇچرۇشىشى جۇڭگونىڭ شامىندا ئۆتكۈزۈلۇپ، ئالتۇن كسەك دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ 2- قىتىملىق ئالتۇن ئون يىلىنى كۇتىۋالىدۇ.

  بىر ئايدىن كىيىن، دۇنيانىڭ دىققىتى جۇڭگونىڭ شامىن شەھرىگە تىكىلىدۇ. ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9- قىتىملىق ئۇچرۇشىشى 9-ئايدا جۇڭگونىڭ شامىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، نەتىجىلەرنى قانداق قىلىپ مۇستەھكەملەش، كەلگۇسى پىلاننى تۇزۇش، چوڭ ئىشلارنى قىلىش، ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىق مىخاينىزىمىنى كۇچەيتىش، جانلاندۇرۇش، ھاياتى كۇچىنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق، ئالتۇن كىسەل دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا تىخىمۇ پارلىق نۇر قۇشۇش ئۇستىدە كېڭىشمەكتە.

  ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ 10 يىللىق مۇساپىنى بىسىپ ئۆتۇپ،قاراشتىن ئەمەلىيەتكە بۇرلۇشدەك ئۆزگۈرۈشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا سېستىمىدىكى مۇستەقل ئالتۇن كىسەك ھادىسىغا ، شۇنداقلا يەر شارىنى تۇزەشدىكى بىر جۇشقۇن بولغان كەلگۇسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۇچكە ئايلاندى. ئۆتكەن ئون يىلدا، ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئومۇمى مىقتارى ئۆزلۈكسىز ئىشىپ، يەر شارى ئىقتىسادى نىسبىتدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %12 دىن %23 گە يەتتى. سۇدا ئومۇمى سوممىسى %11 دىن %16 گە كۆپىيىپ، چەتئەللەرگە سالغان مەلەغ نىسبىتى %7 دىن ، %12 گە كۆپىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىشىشغا قوشقان تۆھبىسى %50 دىن ئىشىپ كەتتى. ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ئۆزلۈكسىز پۇختالاندى، يېڭىدىن تەرققىي قىلدۇرۇلغان بانكىسى تىجارەت باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر يەنە ئومۇمى كۆلىمى 100 مىليارت ئامېرىكا دوللىرلىق جىددى زاپاس ساقلاش فوندىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەردە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يوتكىلىش خەۋىپى يۇز بەرسە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تەمىنلەپ قېيىنچىلىقتىن قۇتلدۇرۇشقا قولايلىق ياراتتى.

  ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر ۋەكىللىك قىلغان يېڭىدىن گۇللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدە تەرەققى قىلىپ زورىيىپ، دۇنيا سىياسى ئىقتىسادى خەرىتىسىنى قايتىدىن لاھيەلەپ، يەر شارىنى تۇزەشنىڭ ياردەمچى قۇرالىغا ئايلاندى. 2008- يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كېرزىسى يۇز بەرگەندىن بۇيان،20 دۆلەت گوروھى يەتتە دۆلەت گورۇھىنىڭ ئورنىنى ئىلىپ يەر شارى ئىقتىسادىنى تۇزەشدىكى ئاساسلىق سەھنىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق مىخاينىزىمى رەسمى ئوتتۇرغا چىقىپ، خەلقئارا تەرتىپدە بۇرۇلۇش ياساش ۋە ئىسلاھ قىلىشقا كۇچلۇك تۇرتكە بولدى، شۇنداقلا يېڭىچە خەلقئارا مۇناىسۋەت ئورنىتىشنىڭ ئەھمىيتى ئۇستىدە ئېزدەندى.

  جۇڭگو ئالدىنقى قىتىم ئۇيۇشتۇرغان ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرۇشىش 2011- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىننىڭ يارقىن نوقتىسى ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەرنىڭ ئەزاسى تۆتتىن بەشكە كۆپەيتىلىدى، يېڭى ئەزا جەنۇبي ئافرىقا تۇنجى قىتىم ئۇچرۇشىشقا قاتناشتى. جەنۇبىي ئافرىقىنڭ ئەزالىققا كۆپەيتىلىشى بىلەن، ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىرى ۋەكىللىك خارەكتىرىنى تولۇقلاپ، ئاسىيا، ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقىنى قاپلىدى. شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى، ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر مىخاينىزىمى دۇنيادكى ئەڭ يېراق جايلاردىن،تەرەققىيات يولى ۋە جەمئىيەت تۇزۇمى ئوخشاش بولماسلىقتىن ھالقىپ، بەش دۆلەتنىڭ تەرەققىيات دەۋىردىكى ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىدى. بۇ قىتىم جۇڭگو يەنىلا ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر مىخاينىزىمىغا ئىجاتجانلىق بىلەن تۇرتكە بولۇپ، ئالتۇن كىسەك قېلىپىدە يېڭىدىن تىخىمۇ زور ھەمكارلىق مۇنبىرى بەرپا قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ تۇۋرىكىگە ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇتكۇل مەنپەتىنى قوغدايدۇ. ئىقتىسادىنى يەر شارىلاشتۇرۇش چوڭقۇر تەرەققى قىلىۋاتقان دەۋىر شارائىتىدە، ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر يەنە يەر شارى تەرەققىيات شېرىكلىك مۇناىسۋىتى قۇرۇلۇشىغا زور كۇچ بىلەن تۇرتكە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۇردۇ.

  گەرچە نۆۋەتتە خەلقئارادا ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى بۇرمىلايدىغان سۆزلەر تارقىلىپ، ئاتالمىش رەڭگى ئۆزگەرگەن نەزىريە ئوتتۇرغا چىقىماقتا،بىراق بۇ ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەرنىڭ قېيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلەشتەك جاسارىتىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. بىر قىسىم غەرىپ ئەللىرى يەر شارىلاشتۇرۇش، سودىنى ئەركىنلەشتۇرۇش كىلىمات ئۆزگۈرۈشى قاتارلىق دۇنيا خارەكتىرلىك مەسلىلەردە ھەمكارلىشىشقا پاسسىپ پوزۇتسىيەدە بولىۋاتقان پەيتتە، خەلقئارا جەمئىيەت يېڭىدىن گۇللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ سەركىسى بولغان ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەرنىڭ تىخىمۇ زور رول ئوينىشىنى كۇتمەكتە. ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇستدە ئېزدىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىر سۇردۇ، بولۇپمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادى سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۇچەيتىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، سۇدا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۇرۇشكە ، قۇلايلاشتۇرۇشقا تۇرتكە بولۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تىخىمۇ كۇچلۇك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇدۇ.

  نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ئۆزگۈرۈشچان ۋەزىيەتتە، ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ئىقىمغا قارشى كىمە ھەيدىگەنگە ئوخشاش بولۇپ، كۇچەپ ئىلگىرلىمىسە ئارقىغا يېنىپ كىتىدۇ. ئىتتىپاقلىشىپ ماسلىشىپ ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۇچەيتىپ، يەر شارىلاشتۇرۇشقا قارشى ئىقىمىغا ، تېررورلۇق قاتارلىق ئىقتىساد، بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى كۆپلىگەن خېرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرغاندىلا، ئاندىن ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىشلىرىغا بولغان تەسىر كۇچىنى كۇچەيتكىلى بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنىلارنى تەكىتلىدى: ئالتۇن كىسەك دۆلەتلەر ئورتاق مەنپەت ۋە نىشان ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان. بىز ئىچىۋىتىلگەن ، كەڭ قۇرساق، ھەمكارلاشقان، ئورتاق نەپكە ئىگە بولغان ئالتۇن كىسەك روھىدا چىڭ تۇرۇپ، تىخىمۇ يېقىن بولغان ئالتۇن كىسەك شېرىكلىك مۇناىسۋىتىنى بىرلكتە ئۇرناتساقلا، ئالتۇن كىسەك ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ئالتۇن ئون يىلىنى كۇتىۋالىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر