خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ھەربىي تەرەپ 5-ئاۋغۇست سەھەردە سۇرىيە بىلەن تۇتىشىدىغان چېگرا رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قورال- جابدۇق توشۇدى.
تۈركىيە جامائەت پىكرىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۇرد دېموكراتتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىگە قارىتىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ پارتىيە قارىمىقىدىكى قوراللىق تەشكىلات بىلەن كۆپ قېتىم توقۇنۇشقان، تۈركىيە ئارمىيەسى تۈركىيە سۇرىيە-چېگرا رايونلىرىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە ئىكەن.
تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا 30-ئىيۇل سۇرىيە كۇرد دېموكراتتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىگە بىر تۈركۈم ھەربىي قورال–جابدۇق يەتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ قورال-جابدۇقلار يۈزدىن ئارتۇق ماشىنا، تانكا ۋە ئېغىر تىپتىكى قورالارنى ئۆزئىچىگە ئالىدىكەن. بىراق ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇنى ئىنكار قىلغان.
ئۇزاقتىن بېرى، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا سۇرىيە كۇرد قوراللىقلىرىنىڭ قانۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ مەۋجۇت. تۈركىيە سۇرىيە كۇرد دېموكراتتىك ئىتتىپاقى پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى قوراللىق تەشكىلات «خەلق قوغداش قىسىمى»نى تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا بولسا بۇلارنى ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشتىكى ئۈنۈملۈك يەر يۈزى كۈچى بولالايدۇ، دەپ قارايدۇ.
2016-يىلى 8-ئايدا، تۈركىيە ئارمىيەسى «ئېفرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەركەتنى قوزغاپ، سۇرىيەنىڭ شىمالىي چېگراسىدىن كىرىپ، «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربەبەردى ھەمدە سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زورىيىپ كېتىشىنى توستى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيە تەرەپ بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشنى جاكارلىدى. بۇ يىل 6-ئايدا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان «ئەگەر سۇرىيە كۇرد قوراللىقلىرى تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلسا، تۈركىيە تەرەپ سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ»، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى