- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جاڭ جىنبياۋ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى
2017.08.07 15:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جاڭ جىنبياۋنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، جاڭ جىنبياۋ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ پاكلىق ئىنتىزامى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغا ۋە پۇل قوبۇل قىلغان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا كارخانا تىجارىتى جەھەتتە مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەم نۇرغۇن پۇل- مالنى تەلەپ قىلىپ ئالغان ۋە قوبۇل قىلغان بولۇپ، پارا ئېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
جاڭ جىنبياۋ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ھەم بۇ ۋىلايەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ 1- مەسئۇلى تۇرۇقلۇق، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى سۇس بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن ھەم مۇرەككەپ ئەھۋالدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىزمەتكە ياخشى ھەيدەكچىلىك قىلماي، ياخشى تەكشۈرمەي، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، خوتەن ۋىلايىتىدە كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنىڭ يۈز بېرىشىدە مۇھىم رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جاڭ جىنبياۋ غايە، ئېتىقادىنى يوقاتقان، ئىنتىزام ئېڭى سۇس بولۇپ، تەپتارتماستىن سوۋغا ۋە پۇل قوبۇل قىلغان، ھوقۇقىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەم ئارىدىن نۇرغۇن پۇل- مال ئۈندۈرۈۋالغان، ھەتتا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ھوشىنى تاپماي، قولىنى تارتمىغان، جاڭ جىنبياۋنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشلىرى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا، پاكلىق ئىنتىزامىغا، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، پارا ئېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ خاراكتېرى قەبىھ ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، قاتتىق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ھەم مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، جاڭ جىنبياۋغا پارتىيەدىن قوغلاش ھەم خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىپ، ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋېلىش، ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ۋە پۇل- مېلىنى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر