باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

گۈزەل ئارزۇلار بىپايان چەكسىز يايلاقتا قاناتلانماقتا

ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ 70 يىل ئۆتتى، گۈزەل ئىچكى موڭغۇل تېخىمۇ نۇرلاندى

— يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خاتىرە

2017.08.07 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېگىز كۆك ئاسماندا ئاپئاق بۇلۇتلار لەرزان ئۈزۈپ يۈرۈيدۇ، كالا-قوي پادىلىرى توپ-توپ يايلاپ يۈرۈيدۇ.

  يايلاقنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلىدە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق تويىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىز تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، يايلاققا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەۋقەنى ئومۇملۇققا قويۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلىدى، ئۇلار ۋەتەننىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايون ئۈچۈن ئېنىق ھەرىكەت پىرۇگراممىسى تۈزۈپ بەردى، ئۈزۈلمەس تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاتا قىلدى، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنى كۈنسايىن ئالغا سىلجىتتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى تېخىمۇ يارقىنلاشتى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەللەشتى ......

  ۋەتەننىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايوننى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئىشلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنۈلۈشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ياز پەسلىدە كۆكخوت قىزىپ كەتتى.

  «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز!» دېگەن شۇئارلار، كوچا-كوچىغا ئېسىلغان بايراقلار، پىلاكاتلار بايراملىق تەنتەنىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

  بۇ شانلىق تارىخقا نەزەر سالساق، 1947-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ گۈمبۇرۇلگەن زەمبىرەك ئوقىنىڭ ساداسى ئىچىدە، ئىچكى موڭغۇل خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونوم رايون قۇرۇلدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋەتىنىمىزنىڭ دەل شىمال تەرەپىدە بولۇپ، ئىچكى جەھەتتە سەككىز ئۆلكە بىلەن، سىرتقىي جەھەتتە روسىيە، موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايوندا 55 مىللەت ياشايدۇ، ئۇنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم. 70 يىللىق بوران-چاپقۇنغا تولغا غايەت زور ئۆزگىرىش داۋامىدا، بىپايات ئىچكى موڭغۇل ئېگىزلىكى ئىلگىرىكى قاغجىراپ كەتكەن، خۇنۇكلۈك ئەۋجى ئالغان يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فىئودال جەمئىيەتتىن ھازىرقىدەك ئېگىز-ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن، ئاپتوموبىللار غۇيۇلداپ ئۆتۈپ تۇرىدىغان زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندى. يايلاقلىرى گۈزەل، قوي-كالا پادىلىرى توپ-توپ يايلاپ يۈرۈيدىغان كۆجۈم چارۋىچىلىق رايونى بارلىققا كەلدى، بۇنىڭدىن قاينام-تاشقىنلىق تەرەققىيات مەنزىرسى چىقىپ تۇرىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ گۈزەل، بىپايان زىمىنغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر