- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭدا ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ يىرىك پىلان لايىھە ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالتە رايونىدىكى يۈرۈشلۈك ئۆيلەر 90 كىۋادرات مېتىردىن چوڭ بولماسلىقى لازىم
2017.08.07 16:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاۋغۇست، بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭدا يېقىندا «ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» ئېلان قىلىنىپ، ئەسلىدىكى «تۇرالغۇ»نىڭ دەرىجىسى «ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىدىكى تۇرالغۇ»غا ئۆستۈرۈلگەن. بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى كومىتېتى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك زېمىن بايلىقى كومىتېتى يېقىندا «‹بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىدىكى تۇرالغۇلارنى پىلانلاش، لايىھەلەش، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان قۇرۇلۇشنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى (سىناق نۇسخا)›نى تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تەييارلىغان. ئۇقتۇرۇش ۋە قوشۇمچە يېتەكچى قائىدىدە، يەرنى بازارغا سېلىشتىن قۇرۇلۇش پۈتۈپ كۆچۈپ كىرىشكىچە بولغان تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى كەسىپ زەنجىرىدە، ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىدىكى تۇرالغۇلارنىڭ سۈپىتى ۋە سۈپەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىدىكى تۇرالغۇلارنى پىلانلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.
ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالتە رايوندا يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈرلەرنىڭ ھەجىم نىسبىتى 2.8دىن يۇقىرى بولماسلىقى، يۈرۈشلۈك تۇرالغۇلارنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىردىن چوڭ بولماسلىقى، قەۋەتلەرنىڭ ئېگىزلىكى 2.8 مېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئالتە رايون سىرتىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەجىم نىسبىتى پىرىنسىپ جەھەتتە 2.5تىن يۇقىرى بولماسلىقى، يۈرۈشلۈك تۇرالغۇلارنىڭ ئومۇمىي قورۇلۇش كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىردىن كىچىك بولغانلارنىڭ نىسبىتى قۇرۇلۇش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %70تىن يۇقىرى بولۇشى، ئەڭ چوڭ بولغاندا 120 كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. قەۋەت ئېگىزلىكى 2.9 مېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. پائالىيەت ئۆيى، ھۇجرا ئۆي قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىدار بوشلۇقىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان دېرىزىلىرىنىڭ كامار ئېگىزلىكى 4.1 مېتىردىن كىچىك بولماسلىقى لازىم.
ئەقلىي مەھەللە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت جەھەتتە، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. ئۈچ تورنى بىرلەشتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، مەھەللىنى سىمسىز تور (WIFI) بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئادەم يۈزىنى پەرق ئىتىش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى ئامبار قۇرۇش نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ ياسىلىدۇ. مەھەللىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، ياخشى بولغان مەھەللە ئالاقە قىلىش بوشلۇقى يارىتىلىدۇ؛ ئۆگىنىش، چېنىقىش، ئالماشتۇرۇشتىكى ياشاشقا باب مۇھىت بەرپا قىلىنىپ، كۇتۇپخانا، چېنىقىش سارىيى، قەھۋەخانا قاتارلىقلار ئۆلچەملىك سەپلىمە قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر