باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: تۇرۇش كىنىشكىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش يىل ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

نوپۇسى يوقلارنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

2017.08.07 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 4-ئاۋغۇست ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقى سىستېمىسى سىنلىق يىغىنىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىر خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەملىكەت بويىچە نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە-تېلىفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىلاشتۇرۇپ، نىشان-ۋەزىپىلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلاشتۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش، نوپۇسى يوقلارنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش، ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ۋاپات بولغانلارنىڭ ئۆچۈرۈلمىگەن نوپۇسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازىلىق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

  خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سىياسەت-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەرنى نوپۇسقا ئېلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتتىن كەلگەن ئاھالىلەرنى نوپۇسقا ئېلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، نوپۇسقا ئېلىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاددىي، چۈشىنىشلىك، مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق كونكرېت سىياسەت تەدبىرلەرنى تېزدىن تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ھازىر 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى ئېلان قىلدى، مەملىكەت بويىچە 43 مىليون 570 مىڭ تۇرۇش كىنىشكىسى تارقىتىلىپ، ئولتۇراقلىشىش يىل چەكلىمىسى قاتارلىق شەرتلەرگە چېتىلىدىغان ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى. جايلار تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى مۇھىم بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنى قاپلاپلا قالماي، ناھىيە(شەھەر)لەرنىمۇ قاپلاشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولايلىق تۈرلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئشەنچىسىگە ئېرىشىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر