باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

«ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز

2017.08.07 15:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، باش نىشانغا يېتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇنىۋېرسال تۈزەش- ئەرزىيەت- مۇقىملىقنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىمجان ئابلىز مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ئۆز تەسىراتىمغا بىرلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئاممىغا ئەينى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىمەن.

  كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئىجتىمائىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بۇخەلچەم باۋۇدۇن مۇنداق دېدى: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يېنىمىزدىكى جانلىق ئۆگىنىش ئۈلگىمىز، پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنىڭ ۋەتەننى، پارتىيەنى سۆيۈش روھىدىن ۋە كوممۇنىستلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش روھىدىن ئۆگىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز!

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42- باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى لياڭ خۇڭمېي مۇنداق دېدى: مەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، تونۇشتا مۈجمەل، پوزىتسىيەدە سۇس بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، پارتىيەگە سادىق، مەيدانىم مۇستەھكەم بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈپ، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق پەرق ئېتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن.

  چۆچەك شەھىرى ئاشىل داغۇر يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جىمىڭ مۇنداق دېدى: مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، «مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھېچقانداق كىشى يوق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشانغا ئاڭلىق بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى پوزىتسىيەم قەتئىي، مەيدانىم روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى بايرىقىم روشەن ھالدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.

  ساۋەن ناھىيەسى داچۈەن يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ خىزمىتى كادىرى بازاربېك قىزىربېك مۇنداق دېدى: مەن دېھقان ئوغلى، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنۈم بولمايتتى. مەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى گۈلباغ كوچا باشقارمىسى دوستلۇق مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى زۆرەمگۈل باسىت مۇنداق دېدى: يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىزگە ياخشى ئۈلگە بولدى. مەن خىزمەت جەريانىدا ئامما بىلەن پائال ئالاقە باغلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن؛ ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ساپايىمنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولىمەن.

  غۇلجا ناھىيەسى بايتوقاي بازىرى يۇقىرىقى تاھىريۈزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەرۇپجان مىنا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز! مەن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەشكىللەپ ئەستايىدىل ئۆگىنىپلا قالماستىن، يەنە يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش روھىنى خىزمەتكە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقارغاندا تېخىمۇ كۆپ پارتىيە ئەزاسى ۋە كەنت ئاھالىسىنى پائال ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەيمەن.

  ئونسۇ ناھىيەسى گۈلئاۋات يېزىسى باغچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايىمنىسا مەمەت مۇنداق دېدى: مەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئەتراپىمدىكى ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىدىغان، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيمەن. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن.

  ئاۋات ناھىيەسى باغتوغراق يېزىسى قارا كۈرجەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇخالىق داۋۇت مۇنداق دېدى: بىز «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قەتئىي سۈكۈت قىلماسلىقىمىز، قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپلا قالماستىن، يەنە «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە ئۈنلۈك ئاۋازدا دادىل جەڭ ئېلان قىلىپ، بارلىق خاتا ئىدىيە ۋە سۆز- ھەرىكەتلەرگە دادىل رەددىيە بېرىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇشىمىز كېرەك!

  گۇچۇڭ ناھىيەسى گۇچۇڭ بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ خىزمىتى كادىرى ئىسلام مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايونلۇق زېمىن بايلىقى شۆبە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇغېنى ئېزىز مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ئەتراپىمدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاش قىلىمەن.

  باي ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس- بەس بىلەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى مەمەتئېلى تۇنىياز مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت مەسئۇلىيىتىم، بۇرچۇمنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلاپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن. يېزىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»نى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

  باي ناھىيەلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەركىن ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق زېھنىمنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا قارىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، يۇرت- ماكانىمىزنى قەتئىي ياخشى قوغدايمەن.

  (مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن مو لىن، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ، تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن فەن چۈنخەي، ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى شۆخۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز دەي ۋاڭفاڭ، كۇ جۈنفېڭ، شى تىڭتىڭ، بەي يۈنفېڭ، ياڭ چىڭلىڭ)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر