باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاشقا تەشكىللەشكە يول قويماسلىق كېرەك

2017.08.03 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «2017-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك ئوقۇش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش، ھەقلىق دەرس تولۇقلاشقا تەشكىللىمەسلىك كېرەك، جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاش ئەھۋالىنى قەتئىي جازالىشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەپ، جايلاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك تەربىيەسى دەرسى ئۆتۈپ، ئاتا-ئانىلارغا يازلىق تەتىلدە بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئەسكەرتىشنى، جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن مەھەللە كومىتېتى، ئائىلىلەر بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشنى تەلەپ قىلىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى ھاسىل قىلىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلنى تىنچ-ئامان، خۇشال خۇرام، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش قاتارلىق باش تېمىلارغا بىرلەشتۈرۈپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ يېقىن ئەتراپتىكى قولايلىق جايلاردا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، سانائەت تەربىيەلەش، جامائەت پاراۋانلىقى ئەمگىكى، خالىس مۇلازىمەت، ئائىلە ئەمگىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا، مەھەللە، يېزا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىگە بېرىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار، ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان بىر تۈركۈم كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ، كۇتۇپخانا، قىرائەتخانا، يېزا كۇتۇپخانىسى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا قەرەللىك ئېچىۋېتىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىلدە تۈرلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە پائالىيىتى ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر