خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) 13-ئىيۇل ئەتىگەندە كەلپىن ناھىيەسى كەلپىن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى قورۇسىدا كەلپىن بازىرى تەۋەلىكىدىكى دېھقان، كادىرلار سالامەتلىك تەكشۈرۈتمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، كەلپىن ناھىيەسىدە بۇ يىل 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئاپتونوم رايون يولغا قويغان 2-قارارلىق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ناھىيە بويىچە 20 مىڭ 386 ئادەمنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلۈپ، ئومۇمىي تەكشۈرۈلىدىغانلار سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى