باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر بىر كىچىك ھەرىكىتىمدىن باشلايمەن

2017.08.02 16:53   مەنبە: خەلق تورى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر بىر كىچىك ھەرىكىتىمدىن باشلايمەن

  سۈرەتتە: گۈلزار ھەجدەر 10-ئىيۇل ئونسۇ «خەنۋۇ» قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شەھەرچىسىدە تۇغقان ئىنىسى ليۇ ۋېيمىن بىلەن تام مەش سودىسى ھەققىدە پاراڭلاشماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) جۇڭگو — مۇشۇ زىمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چوڭ ئائىلىسى. مۇشۇ چوڭ ئائىلىدە ياشىغانكەنمىز سىز ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدا ھەر مىللەت ئەزالىرىنىڭ خۇشال-خۇرام، ئىناق ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈش بىزنىڭ بەختىمىز. بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغان ئىكەنمىز سەن، مەن دەپ ئايرىمايمىز،- دېدى گۈلزار ھەجدەر 10- ئىيۇل ماڭا ئىشخانىسىدا.

  گۈلزار 1991-يىلى ئاقسۇ پىداگوكىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ ئوقۇتقۇچى بولغان، ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان. كېيىن دۆلەتنىڭ خادىم قىسقارتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش ئورنىدىن قالغان. ئۇرۇق - تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كىيىم - كېچەك دۇكىنى، تاللا بازىرى ئاچقان. 2012-يىلى «خەنۋۇ» قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شەھەرچىسىدە «يېشىل قارىغاي» پول- تاختاي دۇكىنى ئاچقان. 2016-يىلى يەنە «بىخلان» يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى قۇرۇپ، 70دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، 20دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىگىلىك يارىتىشقا يېتەكلىگەن.

  __ مەن كىچىگىمدە يېزىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانىدىم، دادام كەنت كادىرى، كومپارتىيە ئەزاسى ئىدى، ئاپام ئىشچى ئىدى. ئەتراپىمدىكى قولۇم - قوشنىلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇلار بولۇپ، مەن مۇشۇنداق مىللەتلەر ئىتتىپاق، قولۇم - قوشنىلار ئىناق ئۆتكەن شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەنمەن،- دېدى گۈلزار ھەجدەر ماڭا،- ئاتا- ئانام ئىنتايىن مېھماندوست ئىدى، ئىش بىلگىنىمدىن تارتىپ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىدىغان مېھمانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇ ئاكا - ھەدىلەر بەك كۆپ ئىدى. بەزى ۋاقىتلاردا خەنزۇ قوشنىلىرىمىز كېچىدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ قالسا، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالاتتى. قولۇم - قوشنىلار ئىچىدە كىمنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا، تالاش - تارتىش بولسا دادام كەنت كادىرى، كومپارتىيە ئەزاسى بولغاچقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ياراشتۇرۇپ قوياتتى.

  گۈلزارنىڭ سەبى چاغلىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى گۈلزارنىڭ قەلبىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۇنىڭغا خەنزۇ، ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتتىن بولغان ئاكا - ئۇكا، ھەدە - سىڭىللارنىڭ ئىتتىپاق، ئىناقلىقىنى ھېس قىلدۇرغان. تۇرمۇش ئادىتى ۋە تىلى ئوخشىمىسىمۇ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتكەن. روزى ھېيت، قۇربان ھېيت، چاغان ... لاردا مەيلى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېيت - بايراملىرى بولسۇن، ياكى خەنزۇلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى بولسۇن، ئۇ قوشنا ئائىلىلەردىكى كىچىك سەبداشلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزەتتى. ئۇ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھېيت - بايرام چاغان ئىدى، چۈنكى چاغاننىڭ ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاچقا، ئۆيىگە كېلىدىغان مېھمانلارمۇ ئەڭ كۆپ ئىدى. ئۇ ھازىرمۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە ئىشلىگەن تاغا ۋە ھەدىلىرىنى كۆرسە ھېلىمۇ «ئاپا، دادا» دەپ چاقىرىدۇ.

  ___ باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى دەپ تەلىم بەردى. مەن ئۆزۈمگە، شۇنداقلا خىزمەتچىلىرىمگە بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەت بەرگەن، شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېرىشكەن. بىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ھەدە - سىڭىللارنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، تىنچ، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك، دەپ تەلەپ قويىمەن،- دەيدۇ گۈلزار ھەجدەر.

  گۈلزار 2012-يىلى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىدا دۇكان ئاچقاندا، قوشۇمچە بىر ئۆي بېزەكچىلىكى شىركىتىمۇ ئاچىدۇ ھەمدە سىچۈەندىن كەلگەن 24 ئىشچىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىشچىلار گۈلزارنىڭ باشچىلىقىدا ئونسۇ تەۋەسىدە خېلى داڭلىق بىزەكچىلىك قۇرۇلۇش ئەترىتى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئىشچىلارغا ئىش تېپىپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى، تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارغىمۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ. ئىشچىلارنىڭ ئىچىدە شياۋ ليۇ دەيدىغان 30 ياشقا كىرگەن بىرەيلەن بىر كۈنى ئىش ئورنىغا چىقمايدۇ. ئىش ئاقساپ قالغاندىن كېيىن گۈلزار ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورايدۇ. شياۋ ليۇ ئۇنىڭغا ئاتا - ئانىسىنىڭ يۇرتىدا ئاغرىپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا دەماللىققا ئەۋەتكۈدەك پۇلى بولمىغاچقا، قايتىپ ئاتا - ئانىسى يېنىدا تۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. گۈلزار بۇنى ئاڭلاپ دەرھاللا يېنىدىن 5000 يۈەن نەق پۇل چىقىرىپ، ئۇنىڭغا بېرىدۇ ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ خاتىرجەم داۋالىنىشىنى، يەتمىسە يەنە پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شياۋ ليۇ خۇشاللىقىدىن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالىدۇ.

  2013-يىلىدىن باشلاپ گۈلزار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 23 خەنزۇ سودا شېرىكى، دوستلىرى بىلەن تۇغقان بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە توققۇزى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدىن بولۇپ، گۈلزار 2015-يىلى ئالايتەن خېفېيغا بېرىپ ئۇلارنى يوقلاپ كېلىدۇ. ھەر قېتىم ھېيت – بايرام بولغاندا ئۇ مېۋە - چىۋە، ئۇن - گۈرۈچ، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇغقانلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭىشىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۆز - ئارا سوۋغات تەقدىم قىلىشىپ، بىر قازاننىڭ تامىقىنى تەڭ يېيىشىپ، تەڭ ئۇسسۇل ئوينىشىپ، ئۆز - ئارا ياردەم بېرىشىپ، مۇھەببىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  2015-يىلى، سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن ياڭ يۈفاڭ ئەر - خوتۇن ئۇنىڭ ئۆي بېزەش شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. بىر كۈنى ياڭ يۈفاڭ تامغا قەغەز چاپلاۋاتقاندا بوش يەرگە دەسسەپ قېلىپ، جازىدىن چۈشۈپ كېتىپ پۇتى سۇنۇپ كېتىدۇ. شىنجاڭغا ئەمدىلا كېلىپ ئىشلىگەچكە، ئۇنىڭ زور سوممىدىكى داۋالىنىش ھەققىنى تۆلىگىدەك پۇلى يوق ئىدى. گۈلزار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئۇنىڭ 26 مىڭ يۈەنلىك كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدۇ. 2016 - يىلى ئاۋغۇستتا، چۇڭچىڭ شەھىرىدىن كەلگەن ئىشلەمچى شياۋ فۇنىڭ خوتۇنى ئىش ئورنىدا ئەينەك سېلىۋاتقاندا، دىققەتسىزلىكىدىن كۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋېلىپ، دوختۇرخانىدا جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. گۈلزار بۇنى بىلگەندىن كېيىن، قىلچە ئويلىنىپ تۇرماستىنلا 11 مىڭ يۈەن ئوپېراتسىيە ھەققىنى تۆلىۋېتىدۇ ھەمدە ئۇ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققۇچە يوقلاپ تۇرىدۇ. شياۋ فۇنىڭ خوتۇنى تەسىرلەنگىنىدىن ئۇنىڭغا «سىز ئائىلىمىزنىڭ شەپقەتچىسى، سىزنىڭ ياردىمىڭىز بولمىسا شياۋ فۇنىڭ كۆزى بۇنچە تېز ساقايمايتتى، كۆپ رەھمەت » دەپ لەۋھە تەقدىم قىلىدۇ.

  گۈلزارنىڭ قىلغان بۇنداق ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ. مەيلى قايسى مىللەت، كىم بولسۇن، قىيىنچىلىق تارتىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلار بولىدىكەن، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلدى. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق نامرات بوۋاي - موماي، 400 دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلغان بولۇپ، ياردەم سوممىسى 160 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

  ___ تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر ھالقسى مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ سەھنە، ھەر بىر كىشىنىڭ ئادەتتىكى سۆز-ھەرىكىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايدۇ. مەن ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتىمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن،- دېدى گۈلزار ھەجدەر.

  گۈلزار ھەجدەر يۇقىرقىدەك ئىش - ئىزلىرى بىلەن بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…