باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مېنىڭ كەلپىندە ئۇيغۇر ئاپام بار»

2017.08.02 16:55   مەنبە: خەلق تورى

«مېنىڭ كەلپىندە ئۇيغۇر ئاپام بار»

  سۈرەتتە: لۇ جۈنفاڭ (سولدىن 1-كىشى) تۇرسۇنگۈل ھاپىز ۋە دىلارە بىلەن قىزغىن پاراڭلاشماقتا. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى)

  ئاپا، مەن كەلدىم...

  __ ۋاي تاتلىق قىزىم جۈنفاڭ كەپسىز، يۇقۇرىغا چىقىڭ …

  13 - ئىيۇل چۈشتە، كەلپىن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىدىكى «بەخت» مەھەللىسى 2 -قورۇسى 3-بىنا 302-نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرسۇنگۈل ھاپىز لۇ جۈنفاڭنىڭ پىشانىسىغا سۆيۈپ كۆرۈشتى.

  __ جۈنفاڭ ھەدە سىزنى بەك سېغىندىم،- دەپ لۇ جۈنفاڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ نەۋرىسى دىلارە مۇسا.

  __ تۈنۈگۈن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن قايتىپ كەپسىز، شۇڭا بۈگۈن كېلىپ سىزنى يوقلاپ كېلىشىم، 10 كۈندىن بۇيان ياخشى تۇرغانسىز، سىزنى سېغىنىپ كەتتىم،- دېدى لۇ جۈنفاڭ تۇرسۇنگۈل ھاپىزدىن ئەھۋال سورىغاچ،- قان بېسىمىڭىز قانداقراق، قاندىكى قەنت مىقدارىچۇ؟ دىلارە سىزنىڭ ئوقۇشىڭىز قانداقراق؟

  __ مېڭىشتىن بۇرۇن سىز ئېلىپ كەلگەن دورىلارنى ئۇچتۇرپانغا بارغاندا ۋاقتىدا ئىچتىم، دېگىنىڭىزدەك يىمەك - ئىچمەككە دىققەت قىلدىم، قان بېسىمنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ باقامدۇق،- دېدى تۇرسۇنگۈل ھاپىز لۇ جۈنفاڭغا.

  __ ماقۇل ئاپا، ھازىرلار تەكشۈرەي، دىلارە قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئېلىڭە.

  لۇ جۈنفاڭ قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ بېلىكىگە تېڭىپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

  ___ ئاپا، قان بېسىمىڭىز 80 ~ 120 چىقتى، نورمال، داۋاملىق مۇشۇنداق دىققەت قىلىپ بەرسىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىسىز،- دېدى لۇ جۈنفاڭ تۇرسۇنگۈل ھاپىزغا.

  ___ رەھمەت قىزىم، 10 كۈندىن بۇيان ئۆزۈم ئۇچتۇرپاندا بولغان بىلەن سىز يادىمدىلا تۇردىڭىز، تۈنۈگۈن كەلسەم سىز ئۆيلەرنى تازىلاپ، گۈللەرگە سۇ قۇيۇپ قويۇپ كېتىپسىز، بەك خۇشال بولدۇم،- دېدى تۇرسۇنگۈل ھاپىز.

  تۇرسۇنگۈل ھاپىز بىلەن لۇ جۈنفاڭنىڭ ھېكايىسىنى بۇلتۇر 31-مارتتىن باشلايمىز.

  2015-يىلى چوڭچىڭ تېببىي ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش تۈرى بويىچە چوڭچىڭدىن كەلپىنگە كېلىپ، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان لۇ جۈنفاڭ شۇ كۈنى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بىلەن ئەمدىلا كېسەلخانىغا كىرگەن تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ قان بېسىمىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ياندىكى ئۇيغۇر سېستىرا ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ چىقىپ كېتىدۇ.

  ئەتىسى ئۇ كېسەلخانىغا تەكشۈرگىلى كىرگەندە، تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ قان بېسىمىنى تەكشۈرىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوكۇل، دورىلارنى يېزىپ چىقىپ كېتىدۇ. بىرنەچچە كۈنلۈك تەكشۈرۈش، داۋالاش جەريانىدا لۇ جۈنفاڭ تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا قارايدىغان بىرمۇ ئۇرۇق - تۇغقىنىنىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدۇ، تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ.

  2004-يىلى كەلپىنگە توي قىلىپ كەلگەن تۇرسۇنگۈل ھاپىز ئەمدىلا تۇرمۇشنىڭ بەختىنى كۆرۈۋاتقاندا، يولدىشى بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلىشىدۇ. 2007 -يىلى ئۇ ھەدىسىنىڭ نەۋرىسىنى بېقىۋالىدۇ. يىللار ئۆتۈپ دىلارەمۇ چوڭ بولۇپ، كەلپىن ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. كۈنلىرى خېلى ياخشى ئۆتۈۋاتقان تۇرسۇنگۈل ھاپىزدا بۇلتۇر يىل بېشىدا يۇقۇرى قان بېسىم، دىيابىت كېسىلى بايقىلىپ، كېسەللىك ئۇنى ھالسىرىتىپ قويىدۇ.

  31-مارت، زادى بولالمىغان تۇرسۇنگۈل ھاپىز ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا داۋالانغىلى كىرىدۇ. ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى دوختۇر لۇ جۈنفاڭ ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇپ داۋالايدۇ. ئىككەيلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ چوڭچىڭلىق بۇ كىچىك قىزچاقنىڭ ناھايىتى خۇش پېئىللىقىنى، ئۆزىگە ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ قاراۋاتقانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، لۇ جۈنفاڭغا ئائىلە ئەھۋالىنى دەپ بېرىدۇ. ئىككەيلەن بارا- بارا سىرداشلاردىن بولۇپ قالىدۇ.

  كېيىن تۇرسۇنگۈل ھاپىز كېسەلخانىدىن چىققاندىن كېيىن لۇ جۈنفاڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلايدۇ، قان بېسىمىنى تەكشۈرەيدۇ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ.

  2016-يىلى ئىيۇننىڭ بىر كۈنى، لۇ جۈنفاڭ كېسەلخانا بىناسى ئالدىدا تۇرسۇنگۈل ھاپىزنىڭ بىر توكسىكلىتنى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئىككىسى قوچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملاشقاندىن كېيىن، تۇرسۇنگۈل ھاپىز قولىدىكى توكسىكلىتنى لۇ جۈنفاڭغا ئالغاچ كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ئۆزىنى يوقلاپ بارغاندا توكسىكلىت بىلەن بېرىپ كەلسە قولايلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتىدۇ. لۇ جۈنفاڭ بۇنى ئاڭلاپ بۇ توكسىكلىتنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭ بىمارلارنى داۋالاشتا مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ھەرگىز بىمارلاردىن سوۋغا قوبۇل قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئېلىشنى رەت قىلىدۇ. تۇرسۇنگۈل ھاپىز لۇ جۈنفاڭغا بۇنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەر قېتىم ئۆيىگە بارغاندا پىيادە بېرىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئىچى ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، قوبۇل قىلمىسا رەنجىيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىككىسى تالاش تارتىش قىلىۋاتقاندا، بۇ يەردىن ئۆتكەن دوختۇرخانا مەسئۇلى بۇ ئىشنىڭ باش - ئاخىرىنى سوراپ بىلىپ، لۇ جۈنفاڭغا بۇ سوۋغىنى ئېلىشقا بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ دوختۇر-بىمارلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولغانلىقىنىڭ مىسالى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىكى ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى، لۇ جۈنفاڭنىڭ بۇندىن كېيىن توكسىكلىت قىممىتىدىكى نەرسە بىلەن تۇرسۇنگۈل ئانىنى يوقلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لۇ جۈنفاڭ توكسىكلىتنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە تۇرسۇنگۈل ئانىنىڭ ئۆيىگە ھەر قېتىم مىنىپ بارىدۇ.

  ___ تۇرسۇنگۈل ئانا بىلەن نۇرغۇن قېتىملىق سىردىشىشدىن كېيىن، مەن ئۇنىڭدىن بىر خىل ئانىلىق مېھىرنى ھېس قىلدىم، مېنىڭ ئاپام، دادام چوڭچىڭدا قالدى، ئۆزۈم يالغۇز كەلپىندە ياشاۋاتىمەن، تۇرسۇنگۈل ئانىمۇ يالغۇز ياشاۋېتىپتۇ، مەن ئۇنىڭ قىزى بولۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالاي، ئۇنىڭدىن ئانىلىق مېھىرنى تېخىمۇ ھېس قىلاي، دەپ ئويلاپ تۇرسۇنگۈل ئانىنى ئاپا قىلىۋالدىم. ئۇ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىدىن بىرنى ماڭا بەردى. مەنمۇ پات-پات بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردۇم. ئاپام ئۆيدە پولۇ، مانتا ئەتسە ماڭا يەپ كېتىش ھەققىدە تېلېفۇن قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاپام بىلەن ئالاقىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەن ھازىر ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتىمەن. ئاپام بىلەن بۇرۇن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەن بولسام، ھازىر ئۇيغۇرچىدا ئاساسەن سۆزلىشەلەيمەن. دىلارە سىڭلىم خەنزۇ تىلىدا ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ ئوقۇشلىرىغا ياردەم قىلالايمەن،- دېدى لۇ جۈنفاڭ ماڭا پىيالىدا چاي تۇتقاچ.

  __ بۇ يىل فېۋرالدا لۇ جۈنفاڭ قىزىم چوڭچىڭغا ئائىلە يوقلىغىلى ماڭغانتى، مەن تېخى ئۇ ئەمدى كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئىككى كۈن يىغلىدىم. ئۇ كېتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆيىدىن ماڭا تېلېفۇن قىلىپتۇ. ئاپىسىمۇ يېنىدا بار ئىكەن، ئۇ تېلېفۇندا ماڭا يەنە 12 كۈندىن كېيىن قايتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئاپىسىمۇ ماڭا قىزىنىڭ كەلپىندە بىر ئۇيغۇر ئانىسى بارلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، قىزىنىڭمۇ ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى،- دېدى تۇرسۇلگۈل ھاپىز ،- ئاپىسى ماڭا يەنە ئۆز قولىدا تىككەن قىشلىق ساپما كەشنى ئەۋەتىپتۇ. بەك خۇشال بولدۇم، مەن بۇ كەشنى بىر ئۆمۈر ساقلايمەن.

  ___ ئاپام ماڭا بەك كۆيۈنىدۇ، ماڭا بۇ يىل روزا ھېيتتا ئەتلەستىن تىككەن ئىشتان - كۆينەك سوۋغا قىلدى، لەغمەن ئېتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتتى، ئىشقىلىپ مېنىڭ كەلپىندىكى كۈنلىرىم ئۇيغۇر ئاپام تۇرسۇنگۈل بولغاچقا تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتمەكتە، كەلپىندىلا بولسام ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، بۇ يەردە يەنە ئاپامغا ئوخشاش نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بار، گەرچە مەن بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولمىساممۇ، لېكىن مەن ھاياتىمنىڭ بارلىقىنى 2-يۇرتۇم كەلپىندىكى يۇرتداشلىرىمغا، شىنجاڭدەك ئېسىل تۇپراققا بېغىشلايمەن،- دېدى لۇ جۈنفاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…