باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇستاز ئىزىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش — شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئابدۇشۈكۈرنىڭ «ئۇستاز قەلبى»

2017.08.02 15:37   مەنبە: خەلق تورى

ئۇستاز ئىزىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش —  شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئابدۇشۈكۈرنىڭ «ئۇستاز قەلبى»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: — «پۇتۇڭنى ھەرىكەتلەندۈر! ئېغىرلىق مەركىزىڭنى كونترول قىل! ئارىلىق ساقلا...»

  بوكس سۇپىسى يېنىدىكى ئابدۇشۈكۈر مىجىت مەشىق قىلىۋاتقان شاگىرتلىرىغا توختىماستىن يۇقىرى ئاۋازدا توۋلايتتى، بۆرتۈپ چىققان بىلەك مۇسكۇللىرى ئۇنىڭ بوكسچىلىق دەۋرىدىكى قىياپىتىنى نامايان قىلاتتى.

  46 ياشلىق ئابدۇشۈكۈر مىجىت شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولۇپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر ئەڭ مۇھىمى يېپىق مەشىق ئارقىلىق تيەنجىنگە بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 14 ماھىرنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس مۇسابىقە سۇپىسىدا «شىنجاڭ قىياپىتى»نى نامايان قىلدۇرۇش بولۇپ، بۇ ئۆزگىچە قىياپەت دەل ئۇنىڭ بوكسچىلىق دەۋرىدىن باشلانغان.

  شىنجاڭ بوكس كوماندىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈم بوكسچىلار ئىچىدە ئابدۇشۈكۈرنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولدى. 1994-يىلىدىن 2001- يىلىغىچە، ئابدۇشۈكۈر ئۆزىنىڭ يۆتكىلىشى جانلىق، مۇشت ئېتىشى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ، يەتتە قېتىم مەملىكەتلىك بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپيون بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بوكس ساھەسىدە «غەربىي شىمال شامىلى» پايدا قىلدى.

  لېكىن «بوكس شاھى»نى تەرىپلەيدىغان كىشىلەر: ئەگەر ئۇستاز تىرېنېر جېڭ خوڭئېن ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئۆيىگە يەتتە قېتىم بېرىپ ئۇنى تەكلىپ قىلمىغان بولسا، ئابدۇشۈكۈرنىڭ بوكسچىلىق يولىغا قەدەم قويۇشى بولمىغان بولاتتى، دېيىشىدۇ.

  سۈرەتتە: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەشىق سارىيىدا، ئابدۇشۈكۈر بوكس سەھنىسىدە ئەزالارنى مەشىق قىلدۇرماقتا (2017- يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…