باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، مەن بۇ يەرگە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغىلى كەلدىم»

2017.08.02 16:54   مەنبە: خەلق تورى

«مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، مەن بۇ يەرگە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغىلى كەلدىم»

  سۈرەتتە: ئابلىكىم مۆمىن دېھقانلارغا پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) پېنسىيەگە چىقىپ ئۈرۈمچىدە داۋالىنىۋاتقان ئابلىكىم مۆمىن بۇلتۇر 18-ئىيۇل ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئاچىتاغ يېزىسى جايتاغ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلدى. ئۇنداقتا ئابلىكىم مۆمىن كىم؟ ئابلىكىم مۆمىن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىدىن 2016-يىلى 1-فېۋرال پېنسىيەگە چىققان پارتىيەنىڭ بىر رەھبىرىي كادىرى.

  شۇ يىلى 18-ئاۋغۇست ئابلىكىم مۆمىن يېڭى خىزمەت ئورنىغا خىزمەتكە چۈشتى، نۇرغۇن كىشى ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرلىقىدىن پېنسىيەگە چىققان ئابلىكىم مۆمىننىڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىدىن ھەيران قېلىشتى. بۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تەۋەسىدە تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى.

  ___ مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، گەرچە خىزمەت ئورنۇمدىن پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق بۇرچۇمنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، 38 يىل ناھىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك خىزمەت ئورنىدا پارتىيە، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەپتىمەن، پارتىيە مېنىڭدەك بىر دېھقاندىن كېلىپ چىققان كادىرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈردى، ئاساسىي قاتلامدا مەھەللە باشلىقى، كەنت مۇدىرى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى، يېزا باشلىقى، ناھىيەلىك پارتكومدا ئىشلىدىم. پېنسىيەگە چىقتىم دەپلا پارتىيەنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئۇنتۇپ قالسام بولمايدۇ، بۇنداق قىلسام ئەينى چاغدا پارتىيە بايرىقى ئالدىدا قىلغان قەسىمىمگە يۈز كېلەلمەيمەن، دۆلەتكە يۈز كېلەلمەيمەن دەپ ئويلاپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىقى خىزمىتىنى ناھايىتى خۇشاللىق ئىچىدە قوبۇل قىلىپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم،- دېدى ئابلىكىم مۆمىن.

  ئابلىكىم مۆمىن كەنتكە كەلگەندىن كېيىن ئۇنى كۈتۈۋالغىنى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان كەنت ئىككى كومىتېتى خىزمىتى، ۋەيران بولاي دېگەن كەنت مالىيەسى، كەنت قىياپىتىدىكى قالايمىقانچىلىق، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى دىگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر بولدى. ئەينى يىللاردا ئۆزى يېزا باشلىقى بولغان مەزگىلدە ھەر قايسى جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقان بىر كەنتنىڭ تۇيۇقسىزلا بۇنداق چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئابلىكىم مۆمىن ئىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى كەنت كادىرلىرىنى قايتىدىن رەتلەش، پارتىيە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىش، ئاۋام ئارىسىدا پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى، ئاممىنىڭ كەنت خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تىكلەش بولدى. تەربىيەلەش، چۈشەندۈرۈش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش خىزمىتىگىلا ئۈچ ئاي ۋاقىت كەتتى، ئاندىن كېيىن ئۇ كەنت خىزمىتىدىكى چېچىلاڭغۇلۇقنىڭ كەنت كادىرلىرى ئىدىيەسىدىكى چېچىلاڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى، پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ كۈچىيىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇنى تۈپ يىلتىزىدىن ئوڭشاشنى قارار قىلدى.

  __ ئەينى چاغدا كەنت كادىرلىرى ئاۋام ئالدىدا ماقۇل دەپ قويۇپ ۋەدە قىلغان خىزمىتىنى تولۇق، ۋاقتىدا قىلمايدىغان، ئاۋاممۇ ئۇلارغا ئىشەنمەيدىغان، كەنت ئىككى كومىتېتىنىڭ چاقىرىق كۈچى ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قاپتىكەن. بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىدا چوڭ ئوپېراتسىيە ئېلىپ باردۇق. مەسىلىلەرنى تونۇدۇق، قانداق قىلغاندا خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش ھەققىدە جىق ئويلاندۇق،- دېدى ئابلىكىم مۆمىن.

  بەش ئايلىق چوڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كەنت قىياپىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ چاقىرىق كۈچى ئېشىپ، كەنت ئاممىسى كەنت ئىككى كومىتېتى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇدىغان، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتا كەنتكە چىن ئىشىنىدىغان بولدى. كەنت پارتىيە ئەزالىرى سانىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئۇ يېڭى كەلگەندىكى 50 دىن ھازىر 61 گە يەتكۈزۈلدى. كەنت بويىچە 618 ئائىلىدە ئابلىكىم مۆمىننىڭ ئىسىم كارتىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ يانفۇنى 24 سائەت ھەرۋاقىت كەنتتىكىلەر ئۈچۈن ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدۇ. كەنتتىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ھەرۋاقىت تېلېفۇن قىلىپ، دەرت - ئارمانلىرىنى ئىنكاس قىلىپ تۇرىدۇ، ئەھۋاللارنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.

  __ كەنتتە 2573 نوپۇس بار، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىم بۇلتۇر 10 مىڭ 18 يۈەن بولسىمۇ، لېكىن كىرىمى 3000 يۈەنگە يەتمەيدىغان 241 نامرات ئائىلە بار. بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بويىچە ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بىز بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتا قوش تىلدا تەربىيەلەشنى، كەسىپ جەھەتتىن تەربىيىلەشنى چىڭ تۇتتۇق،- دېدى ئابلىكىم مۆمىن.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن نۇرغۇن دېھقان كەنت تەشكىللىگەن تىل ۋە كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇدى. تۇنجى قاراردىكى لاياقەتلىك كۇرسانتلار ئەتىياز كىرىشى بىلەنلا سىرتقا ئىشلەشكە يول ئالدى. 2-قاراردىكى 52 كۇرسانتتىن 31ى ئاقسۇدىكى توقۇمىچىلىق زاۋوتىغا بېرىپ ئىشلەپ، مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلاشتى. 46 دېھقان ئاۋات ناھىيەسىدىكى 3 - دېھقانچىلىق مەيدانىغا 2000 مو يەرنى باشقۇرۇشقا ماڭدى. يەنە بىر جەھەتتىن كەنت تەۋەسىدە ئىش تېپىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈلدى. كەنت تەۋەسىدىكى مەلىكىلىك ئىشچىلار كەنتتىكى ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىنى، ھويلا - ئارام ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ھۈددىگە ئېلىپ ئىشلىدى. دېھقانلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى نورمال ئالاقە سەۋىيىەگە يېتىپ، خىزمەت قىلىشىغا، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يول ئېچىلدى. بۇنىڭغا كەنتتىكى 87 نامرات ئائىلە ئەزاسى قانتىشىپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. ھازىرغا قەدەر 241 ئائىلىدىن 100 ئائىلە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

  __ سىنتەبىردىن باشلاپ پاختا يىغىش باشلىنىدۇ. بۇندىن بۇرۇن دېھقانلار پاختا يىغىشقا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى، كۆپ تەرەپلىمە تەشۋىقاتتىن كېيىن دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولدى. بۇنىڭغىمۇ بىز ئالدى بىلەن نامرات ئائىلە ئەزالىرىنى تەشكىللىدۇق. كەنتىمىزدىن 900 دەك دېھقان پاختا يىغىشقا چىقىدۇ. بۇنىڭ كىرىمىمۇ دېھقانلارنىڭ يانجۇقىنى تومپايتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىشقىلىپ بۇ يىل بىز كەنتىمىزدىكى نامرات ئائىلىلەرنى ئاساسەن تۈگىتىپ، كەتنتىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمىنى بۇلتۇرقىدىن 982 يۈەن ئاشۇرۇپ، 11 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ئاساس ھازىرلايمىز،- دېدى ئابلىكىم مۆمىن.

  جايتاغ كەنتىدە 618 نوپۇس ئىچىدە ئۈچ نوپۇس خەنزۇ مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە 50 دىن ئارتۇق سىرتتىن كەلگەن خەنزۇ ئىشلەمچى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. كەنت كومىتېتى دېھقانلارنى باي بولۇشقا يېتەكلەشتە خەنزۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش، تىل ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن دوست بولۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. كەنت كومىتېتىدىكى كادىرلارنى خەنزۇ ئائىلىلىرى بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتتى.

  بىر يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشتىن كېيىن جايتاغ كەنتىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى. كەنت ئىقتىسادى كۈچىيىپ يېزىدىكى 13 كەنتتنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. كەنت قەرزلىرى تۈگىتىلدى. كەنت قورۇسىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. كەنت يوللىرىدا چىراقلار ئورنىتىلدى، توپا بېسىپ كەتكەن كۈتۈپخانا، مەدەنىيەت ئۆيلىرى قايتىدىن يۈرۈشتۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشىغا، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاندى. ئابلىكىم مۆمىنمۇ قىلغان ئەجرىگە لايىق بۇ يىل 1 – ئىيۇل ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» شەرىپىگە ئېرىشتى.

  ___ مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، خىزمەت ئورنۇم نەدە بولسۇن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىم خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش،- دېدى ئابلىكىم مۆمىن ئاخىرىدا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…