خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى— 2017»نىڭ شىنجاڭ كورلا مۇسابىقە رايونىدىكى مۇسابىقىنى كۆرمەكتە.
شۇ كۈنى، «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى — 2017»نىڭ شىنجاڭ كورلا رايونى مۇسابىقىسى 2-كۈنىگە قەدەم قويدى. جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «ئوچۇق ئاسمان» ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرى باشلاندى. جۇڭگو، بېلورۇسىيە، مىسىر، ئىران، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق يەتتە دۆلەت كوماندىسى كورلىدا كەسكىن مۇسابىقىلەشتى، 7000دىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيداندا جىددىي، قىزغىن، ھەيران قالارلىق «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»نى باشتىن كەچۈرۈپ، «1- ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى