باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا ئىشتاتىدىكى بىر مەكتەپتە پارتلاش يۈز بەردى

2017.08.03 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مىننېسوتا ئىشتاتلىق ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى 2-ئاۋغۇست، شۇ جايدىكى بىر مەكتەپتە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر كورپۇس ياتاق بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، بىر ئادەم ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

  مىننىئابپولىس شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ بىر باياناتىدا: پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەكتەپ نامىنىڭ مىننېخاخا مەكتىپى ئىكەنلىكى، پارتلاش سەۋەبىدىن بىر كورپۇس ياتاق بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى ئېيتىلدى.

  باياناتتا، بىر ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلات تاپشۇرۇۋېلىندى، ئەمما بۇ خەۋەر جەزملەشتۈرۈلمىدى، دېيىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىرغىچە بەش ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، يەنە ئۈچ ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بېكىتىلگەن.

  ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى، پارتلاش سەۋەبىنىڭ گاز پارتلاش دەپ گۇمان قىلىنغانلىقى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈۋاتقانلىقى ھەمدە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  پارتلاش مەكتەپنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بولغاچقا، مەكتەپ ئىچىدە پەقەت ئاز ساندىكى يازلىق تەتىللىك پائالىيەت ۋە تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر