باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئاجراتتى

مەملىكەت بويىچە سەككىز مىليون 716 مىڭ نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىق خادىملار بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولدى

2017.08.03 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز مالىيەسى يېقىندا 2017- يىللىق نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىق خادىملارغا 17 مىليارد 30 مىليون يۈەن نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى چۈشۈرۈپ بەرگەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تارقىتىلغان22 مىليارد 150 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغىنى قوشقاندا، مەركەز مالىيەسى 2017- يىلى 39 مىليارد 180 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى چۈشۈرۈپ تارقاتقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە سەككىز مىليون 716 مىڭ نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىق خادىملار بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغان. يۇقىرىقى مەبلەغ ئاساسلىقى مېيىپلار (مېيىپ ھەربىيلەر، مەجرۇھ خەلق ساقچىلىرى، دۆلەت ئورگىنىدىكى مەجرۇھ خىزمەتچىلەر، مەجرۇھ خەلق ئەسكىرى ۋە خەلق ئىشچىلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)، « ئۈچ قىزىل» (يېزىلاردىكى ھەربىي سەپتىن قايتقان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، يېزىلاردىكى غەربىي يول قىزىل ئارمىيە پېشقەدەم جەڭچىلىرى، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئايرىلىپ قالغان ئەسكەرلىرى)، «ئۈچ خىل ئائىلە تاۋابىئاتلىرى» (ئىنقىلابىي قۇربانلار، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ۋە كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى)، يېزىلاردىكى ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقان ھەربىيلەر، كېسەل سەۋەبىدىن قىسىمدىن چېكىنگەنلەر، يېزىلاردا ۋە شەھەرلەردە خىزمەت ئورنى يوق ھەمدە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار شۇنداقلا جەڭگە قاتنىشىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن خادىملار، ھەمدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا تەۋەلىكىدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر، كونا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن پارتىيەگە كىرگەن يېزىلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېنسىيەگە چىقىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمىغان شەھەر-بازارلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىق خادىملارغا نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى چىقىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر