- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پولشادىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى خاتىرە ئابىدىلىرى چېقىلىدۇ
2017.08.03 13:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى پولشا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر پولشا چېگراسى ئىچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىگە قوشقان تۆھپە ئابىدىلىرى چېقىلىدىغان بولسا، رۇسىيە تەرەپ پولشانى جازالايدۇ، دېدى.
رۇسىيە «خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پولشا تەۋەسىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى خاتىرە تېشىدىن تەخمىنەن 500ى بار ئىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان رۇسىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر پولشا بۇ خاتىرە ئابىدىلىرىنى چاقماقچى بولسا، رۇسىيە پولشا ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا تارقىتىشنى رەت قىلىش، ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋىتى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مۇناسىپ بولغان جازالاش تەدبىرلىرى»نى قوللىنىدۇ.
6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، پولشا بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەش خاتىرە ئابىدىلىرى چەكلەنگەن بەلگىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پولشانى «ئاقىۋەت بىلەن ھېسابلاشماي» بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، «نومۇسسىزلارچە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى»، دەپ ئەيىبلىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا «بۈگۈنكى رۇسىيە» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 31- ئىيۇل، پولشانىڭ سوبىبو جازا لاگېرى خاتىرە سارىيىنى رېمونت قىلىش ۋە يېڭىدىن قۇرۇشىغا رۇسىيەنىڭ قاتنىشىشىنى رەت قىلىش ئىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن «ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى»نى بىلدۈرۈپ، بۇ تارىخقا ئوبيېكتىپ يۈزلىنىشنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر