خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 30- ۋە 31-كۈنى كەچتە، 5 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدىكى بىردىنبىر سېرىك ئويۇنى «قۇياش ئارزۇسى» شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى. بۇ كېچىلىكتە شاڭخەي سېرك مەكتىپىدە يەتتە يىل تەربىيەلەنگەن شىنجاڭلىق بالىلار سېرك بىلەن شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇلىنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارغا يېڭىچە مەنىۋى زوق ئاتا قىلدى. ئويۇن باشلىنىپ باشتىن-ئاخىر تىياتىرخانىدا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. كېچىلىكتە شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ شاڭخەيگە بېرىپ سېرك ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتلىك تەسىرلىك ھېكايىلار سۆزلەنگەن ئىدى.
2010-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن 60 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت بالا شاڭخەي شەھەرلىك سېرك مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى. بۇ بالىلار يەتتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەر جەھەتتىن قوللىشى نەتىجىسىدە، شاڭخەي شەھەرلىك سېرىك مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارغا ئۆز پەرزەنتىدەك كۆيۈنۈشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن تالانت ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.
ئارغامچا ماھارىتى، ئاسما چىغرىق ئويۇنى، شارىك، ئېگىز ۋېلىسىپىتتە قاچا تېپىش، ئەپكەشتە ماھارەت كۆرسىتىش، ئاسما ھالقا ئويۇنى، ئېلاستىك بادرا ئويۇنى... قاتارلىق بىر-بىرىدىن ئېسىل نومۇرلار كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، گۆدەكلىكىنى يوقاتمىغان بىر توپ سېرك ئارتىسى سەھنىدە چاققان ھەرىكىتى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە مەدھىيەسىگە ئېرىشتى، ئەڭ كىچىكى 14 ياش، ئەڭ چوڭى 19 ياشلىق بالىلارنىڭ ھېچقانداق بىخەتەرلىك تاسمىسى يوق ئەھۋالدا، مۇھەللەقتە مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تاماشىبىنلار ئالاقزادە بوپ كەتتى. ئېغىر يۇمىلاق شارنىڭ ئۇلارنىڭ قولىدا مۇلايىم ھەرىكەت قىلىشى، بالىلارنىڭ چەبدەس، چاققان، يۇمۇرىستىك ھەرىكەتلىرى، سېركنى ئۇسسۇلغا بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاشلىرىدىن تاماشىبىنلار يەتتە يىلدىن بۇيان، بالىلارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن تېخىمۇ كۆپ جاپا چېكىپ تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكىدىن باشقا، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكىنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگىنىدىن سۆيۈندى ھەم ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا ئىختىيارسىز بارىكاللا ئېيتىشتى.
تاماشىبىن شادىيە ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ ئالاھىدە بىر مەيدان سېرك ئويۇنى بولدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىغا ئۇسسۇل بىلەن سېركنى بىرلەشتۈرۈپ ناھايىتى ياخشى ئورۇنلىدى. شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدىكى سېرك نومۇرلىرىنى ئورۇندىيالىغىنىدىن شىنجاڭ سېرىكچىلىكىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنى مونتىكالور «يېڭى بىر ئەۋلاد» خەلقئارالىق ياشلار-ئۆسمۈرلەر سېرك بايرىمىدا شاڭخەي سېرك مەكتىپى شىنجاڭلىق تۆت سېركچى ئەزىمەت ئورۇنلايدىغان «ئەپكەش ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش» نومۇرىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى، ئۇلار مۇسابىقىدە شۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ بىردىنبىر ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ۋەتىنىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈردى. تۆت يىگىت مەزكۇر نومۇردىكى ئەڭ قىيىن بولغان 1080 گىرادۇس بۇرۇلۇپ موللاق ئېتىش، بىرلىكتە ئارقا تەرەپكە ئۈچ قېتىم موللاق ئېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى چەبدەسلىك بىلەن ئورۇنلاپ، خەلقئارا سەھنىدە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلدى.
__ مەملىكىتىمىزنىڭ سېرك سەھنىسىدە ئوخشاشلىقلار كۆپ، لېكىن شىنجاڭ سېرىكچىلىكى ئۆزىنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى ۋە ئاز سانلىق مىللەرنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ سېرك سەھنىسىدىلا ئەمەس، خەلقئارا سېرك سەھنىلىرىدىمۇ ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلالىدى. بىز شىنجاڭنىڭ 60 بالىسىنى تەربىيەلەپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىنلا ئەمەس، مەدەنىيەت پەنلىرىدىمۇ ئىنتايىن چىڭ تۇتۇپ سىستېمىلىق تەربىيەلىدۇق. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى ئۆگەتتۇق، تەيۋەندىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ دەرس ئۆتكۈزدۇق. بالىلار بەك كىچىك كەلگەچكە، ئۇلاردىن 15 ئوقۇغۇچى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىدى. قىپقالغان 45 ئوقۇغۇچىنىڭ جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىشى، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىشى ئارقىلىق بۈگۈنكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ بالىلار قانات چىقىرىپ ئۇچۇش ئالدىدا تۇرماقتا. مەكتىپىمىزدىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدۇ،− دېدى شاڭخەي سېرك مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى يۈ يىگاڭ.
سېرىكچىلىك ئۇستاز __ شاگىرت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەجدادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، تەنتەربىيە بىلەن سەنئەت بىرلەشكەن بىر مەدەنىيەت ئامىلى. بىز بالىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياراملىق سېرك ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە، تاللاش-شاللاش ئارقىلىق 60 بالىنى شاڭخەي سېرك مەكتىپىگە تاپشۇردۇق. سېرك مەشق قىلىدىغانلارنىڭ پەقەت ئاز قىسمىلا سېركنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالايدۇ. يەتتە يىل جەريانىدا بۇ 45 ئوقۇغۇچى ئۆز ئارا ماسلىشىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارغا ئاتا-ئانىلارچە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشى بىلەن ئۇلار غىرىپسىنىش، تىڭىرقاشلىرىنى يەڭدى. شاڭخەي سېرك مەكتىپى ئۆزىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ھۈنەرلىرىنى بالىلارغا ئايىماي ئۆگىتىپ، بىزگە ياراملىق سېرك ئەزىمەتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. بالىلارنىڭ بۇ بىر مەيدان ئويۇنىدىن كېچىلىكىدىنلا ناھايىتى سىستېمىلىق تەربىيەلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلار بۇ بىر مەيدان ئويۇنى ئارقىلىق مۇئەللىملىرىگە ۋە مەكتەپكە بولغان مىننەتدارلىقىنى، ئۆزلىرىگە مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھىسسىياتىنى بىلدۈردى،−دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ئەنۋەر مۇھەممەت.
«قۇياش ئارزۇسى» سېرك كېچىلىكى شاڭخەي بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ نەتىجىسى. 2010-يىلى شاڭخەي سېرك مەكتىپىگە بارغان 60 بالىدىن 45 بالا ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالىدى. شاڭخەي سېرك مەكتىپى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىنى ھېكايە قىلىپ، مۇشۇ مەزمۇندا «قۇياش ئارزۇسى» سېرك كېچىلىكىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. كېچىلىكتە «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»، «ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدىم»، «مەكتەپ ھاياتى»، «چۈش تەبىرى» تېمىسىدىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق 45 سېرك ئارتىسىنىڭ شاڭخەيدىكى يەتتە يىللىق ئۆگىنىش نەتىجىسى نامايان قىلىندى. ئۇلار ۋەتىنىمىز سېركچىلىقىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرى بولۇپ يېتىشتى. 45 ئەزىمەت ئۇسسۇل بايرىمىدىن ئىبارەت خەلقئارا سەھنىدە دوكلات ئويۇنى قويۇپ، شىنجاڭ سېركچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كەڭ ئاممىغا نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى