- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ئارمىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى
2017.08.02 14:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. زىياپەتكە قاتناشقان مېھمانلار جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن ئىجابىي تىرىشچانلىقى ۋە ئاجايىپ تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى، جۇڭگو ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.
جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مۇۋەققەت ھەربىي ئەمەلدارى جۇ بو مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي بوشاشماي قوغدايدۇ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەھدىتى ۋە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار. جۇڭگو-ھىندىستان ئارمىيەلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغان 90 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۇقىرى باھا بەردى، ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى قوغدىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى لى گۇاڭيا ئارمىيەمىزنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم رولى ۋە مۇھىم تۆھپىسى، ھەمدە نۆۋەتتىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ: جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، تىنچلىقنى ساقلاش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەلىرىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ، دېدى.
تاجىكىستاننىڭ باش ئىشتاب باشلىقى سابىرزادە مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە، بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىۋاتىدۇ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش جەھەتتە ئالاھىدە رول ئوينىماقتا. ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو تاجىكىستاننى قىممەتلىك قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ جەڭگىۋار دوستلۇقىنى نامايەن قىلدى.
جۇڭگونىڭ گىرۇزىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى خۇ دېجۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىگە قەتئىي بوشاشماي ئەمەل قىلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن-ئاخىر ماڭىدۇ. جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار ئالاقىسىدا خۇشاللىنارلىق ئىلگىرىلەشلەر بولدى، جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئىجابىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
گىرۇزىيە ئۈچ ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى ۋىلادىمىر جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن قوشقان ئاجايىپ تۆھپىسىنى يۈكسەك ماختىدى. ئۇ: گىرۇزىيە-جۇڭگو ئارمىيەلىرى ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇۇرشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
جۇڭگونىڭ بېنگالدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى جاڭ ۋېي سۆز قىلىپ، بېنگالنىڭ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى مەيدانىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بېنگالنىڭ ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇقىم، تېز راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگونىڭ مالايشىيادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى جاڭ جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مالايشىيا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېچىۋېتىش، تېخىمۇ ھەمكارلىشىش پوزىتسىيەسى بىلەن، مالايشىيا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىپ، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇش، رايون شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشايماي ئىجابىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىسى «ئىنقىلاب گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەسئۇل بولۇش تۇيغۇمىزنى ئاشۇرايلى» تېمىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ۋە قەسەمنامىنى تەكرارلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئەلچىخانىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلار باشقارمىسى، قوراللىق ساقچى مۇھاپىزەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قەسەمنامىنى تەكرارلىدى. باش ئەلچى ياۋ جىڭ جۇڭگو-ئافغانىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەردى، ئەلچىخانىدىكى بارلىق ھەربىيلەرنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئۆزىنى تەقدىم قىلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى، كۆپچىلىكنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلچىخانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر