باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى: 6- ئايدا 47 تۈركۈم ئىمپورت قىلىنغان كىيىم-كېچەك لاياقەتسىز چىقتى

ZARA ئۇدا ئىككى ئاي تىزىملىككە كىردى

2017.08.03 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى 2017- يىلى 6- ئايدا، ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئىچىدىكى لاياقەتسىز سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى، 47 تۈركۈم (قېتىم)كىيىم- كېچەك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار لاياقەتسىز چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە،كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان فوندى (Fendi)، رالف لاۋرېن (Ralph Lauren)، Topshop、Topman、Zaraقاتارلىق داڭلىق ماركىلار تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

  لاياقەتسىز كىيىم-كېچەك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ئىچىدە، Fendi بوۋاقلار كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ رەڭ پۇختىلىقى ئۆلچەمگە توشمىغان؛ Ralph Lauren كىيىم-كېچەكلىرىدە بىخەتەرلىك ئەسكەرتىش بەلگىسى كەمچىل ۋەPH قىممىتى لاياقەتسىز بولغان؛ تېز سېتىلىدىغان مودا كىيىم-كېچەك ماركىسى ھېسابلىنىدىغانTopshop ئاياللار كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ رەڭ پۇختىلىقى لاياقەتسىز،PH قىممىتى لاياقەتسىز، فورمالىن قىممىتى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن؛ ZARA كىيىم-كېچەكلىرىنىڭPH قىممىتى لاياقەتلىك چىققان.

  سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەسىلە مەۋجۇت بولغان مەھسۇلاتلار چېگرادىن كىرگەندە پورتتا تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلىش ئاپپاراتى پىرىيوم-كارانتىن قىلغاندا بايقالغان، ھەممىسى ئاللىقاچان قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېتىلىپ ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلدى. بۇ لاياقەتسىز تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتلار تېخى دۆلەت ئىچىدىكى بازاردا سېتىلمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر