سۈرەتتە: 15-ئىيۇل، ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل يېزىسى تۇغلۇقئالتۇن كەنتىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تەتىل قىلىپ قايتقان ئىستۇدېنت رەيھان ياسىن دېھقانلارغا دۆلەت تىلى دەرسى ئۆتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) ئاۋات ناھىيەسى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى «دۆلەت تىلى + تېخنىكا ئۆگىنىش» ئەندىزىسى بويىچە تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىكى مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ناھىيە بويىچە 15 مىڭ 660 ئادەم بۇ ئەندىزە بويىچە تەربىيەلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە 2385 ئادەم تېخنىكىلىك باھالاشتىن ئۆتۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى