باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانىنى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ <قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش نىزامى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» نى ئېلان قىلدى

2017.08.02 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ 682-نومۇرلۇق پەرمانىنى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ <قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش نىزامى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، بۇ «قارار» 2017-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش -- گوۋۇيۈەن قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانى بويىچە بېكىتكەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق تۈر. گوۋۇيۈەننىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى تەلىپى بويىچە، «قارار» دا ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولمىغان تەستىق ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىش جەريانىدىكى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، كارخانىلارنىڭ نامۇۋاپىق يۈكى يەڭگىللىتىلگەن بولۇپ، كارخانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر