باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنى

«سۇۋوروف تۇيۇقسىز زەربىسى» پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ئاپتوموبىلى مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ئۈچ جەڭنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلدى

2017.08.02 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ئىيۇل سائەت 10دا، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزۈۋاتقان «2017-يىللىق خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى»دىكى «سۇۋوروف تۇيۇقسىز زەربىسى» پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسى يەككىبۇس تۈر مۇسابىقىسى كورلا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلدى. تۇنجى كۈنلۈك مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچ جەڭنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك «سۇۋوروف تۇيۇقسىز زەربىسى»گە جۇڭگو، رۇسىيە، ئانگولا، ئىران، ۋېنېسۇئېلا، زىمبابۋېدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت قاتناشتى. مۇسابىقە ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەر بىر گۇرۇپپا ئۈچ ئايلانما مۇسابىقىلىشىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگو ۋەكىللەر كوماندىسى ۋە رۇسىيە ۋەكىللەر كوماندىسى، ئانگولا ۋەكىللەر كوماندىسى بىر گۇرۇپپىدا مۇسابىقىلەشتى. ئۈچ كوماندا ئۇزۇنلۇقى تۆت كىلومېتىر 300 مېتىر كېلىدىغان يېپىق مۇسابىقە يولىدا، نۆۋەت بويىچە تانكىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاكوپى، ئاپتوموبىل يولى كۆۋرۈكى، ئېگىز-پەس يول بۆلىكى، يانتۇلۇقى تىك يار لېۋى قاتارلىق 12 توسالغۇدىن ھالقىپ ئۆتۈش ۋە شۇ جەرياندا زەمبىرەك، پىلىموت ئېتىش جەھەتتە مۇسابىقىلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر