باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى

تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى بەش يىل ئىچىدە تەڭشەشكە بولمايدۇ

2017.08.03 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونلىرى بىلەن شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا توقۇنۇش بولۇپ قالغاندا، ئالاقىدار ئورۇنلار تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونى قۇرۇلۇپ بەش يىل ئىچىدە، قوغدىلىدىغان رايونغا قارىتا ھەر قانداق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى تەكشۈرۈپ سۈرۈشتۈرىدۇ.

  2-ئاۋغۇست شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونلىرىنى تەڭشەپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە «بەلگىلىمە» دەپ ئاتىلىدۇ) جەمئىي 17 ماددا بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونلىرىنى تەڭشەش مەزمۇنى، تەڭشەش پىرىنسىپى، تەڭشەش ئاساسى، تەڭشەش تەرتىپى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوغداش رايونلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قوغداش ئوبيېكتى، ئىلتىماس ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 29 دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونى بار بولۇپ، قوغداش رايونىنىڭ كۆلىمى 118 مىڭ 900 كىۋادرات كېلومېتىرغا يېتىپ، ئاپتونوم رايون مەمۇرىي رايون ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %11.8نى ئىگىلەيدۇ، تەبئىيلىكىنى قوغداش رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر مۇكەممەل، تەبئىيلىكىنى قوغداش رايونلىرىدىكى كۆپ قىسىم ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەر ياخشى قوغدالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر